ئىشىنىمەن كىلىسەن سەنمۇ
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
ئىشىنىمەن كىلىسەن سەنمۇ ،
تاڭ قالدۇرۇپ مېنى يىراقتىن .
ھاياجاندىن يىرىلىپ يۈرەك ،
قېنىم ئۆرلەپ ، قىيىدۇ بىشىم .
ئىشىنىمەن كىلىسەن سەنمۇ ،
بۇ يىل قىشتا مەھللەمىى يۇقلاپ .
مويىل گۈلدەك خۇشپۇراق ھېدىڭ ،
كەتكەن مېنى ئەلەمگە تاشلاپ .
ئىشىنىمەن كىلىسەن سەنمۇ ،
مۇڭ كۈيۈمنى ئاڭلىغۇڭ كىلىپ .
سىھرى پىنھان جادۇ كۆزلىرىڭ ،
ئۇخلاتمىدى چۈشۈمگە كىرىپ .
ئىشىنىمەن كىلىسەن سەنمۇ ،
ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد ئۆچكىچە .
رەقىبلەرنى كۈلدۇرۇپ ئاچچىق ،
چىقايلى بىز دالا سەيلىگە .
| 81 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-28 18:22:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|