يۇمىۋالاي ئۇيقۇغا كۆزۇمنى - مەخسۇم ئابدۇقىيىم سەھرايى

يۇمىۋالاي ئۇيقۇغا كۆزۇمنى

مەخسۇم ئابدۇقىيىم سەھرايى

ئۇيقۇ ماڭا ھۇزۇر بەرگىنە،
يۈمىۋالاي كۆزومنى يالغۇز.
تەشۋىشلىرىم كۆنۇزدە قالسۇن،
كۇندۇرۋالاي ئۆزۇمنى يالغۇز.

«ئۇيقۇ ئۆلۈم» دىدى ۋە لىكىن،
ئۇيقۇ بىزار   ئۆلگىنىمۇ   يۇق.
شېرىن تۇيغۇ،تاتلىق چۈشلەرگە ،
تەنە   بىلەن  كۈلگىنىمۇ   يۇق.

كۆزوم سىنى ئىزدەيدۇ كەشتە،
ئاشىقىغا   تەشنا   يىگىتەك.
لەۋلىرىڭدىن ھۇزۇر ئالىمەن،
جانسىز تىنىم ئىرىپ كەتكۇدەك.

تاپالمىسام سىنى تالاي رەت،
سىغىنىمەن كۆرۈشكەن كۈنى .
ئۇيقۇ دىدىم ھۇزۇر بەرگىنى ،
تەڭ قىلالماي سۆيۈشكەن كۈنى .





78 قېتىم كۆرۈلدى yingyol ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-17 1:56:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-22 10:46:41 گۈزەل ،ئ‍اي
بەك ،ئ‍ىسل،بۇپىتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ