زىمىنغا
تۇرسۇنتاي قۇربانتاي (تىكىن)
ئالدىدا،
ھاسا تۇتۇپ ماڭىدۇ زىمىن،
سونغانمىدۇ پۇتى يا قولى.
ۋە ياكى تۈگىمەس ھاقارەتلەردىن،
سۇلغانمىدۇ ئۇنىڭ غورۇرى.
زىمىن!
ساڭا بارچەقەرزدار ،
سىنى ياقىلاپ،
تەرەپىڭنى ئىلىپ،
چىقارمىدۇ شۇنداق،
شۇنداق ئەرزدار.
مەن...
مەنمۇ سۈكۈتتە،
كۆردۈم ھالىڭنى،
ئېغىر سۈكىنات،
باسقان قەددىڭنى.
شۇنداق كۈن كەلسە ،
ئەي، زىمىن!
خۇددى بىر جانانىم بولساڭ!
سىنى مەھكەم باغرىمغا باسسام!
توپا باسقان سۇلغۇن چېھرىڭنى،
يات قولىدا يادەك !
يادەك ئىگىلگەن ئەشۇ جىسمىڭنى،
مىھرىم بىلەن چىڭ باغاش ئەتسەم...
تۈگەرمىدۇ ئاشۇ چاغ سىنىڭ،
باغرىڭدىكى دەرت ـــ ئەلەملىرىڭ،
پەرزەنت ئۈچۈن ئىگىلگەن سۇلماس،
تۈزلىنەرمۇ يادەك قامىتىڭ؟
بۇغدا كەبى……
تارقىلارمۇ يە نە شۆھرىتىڭ؟
دەرت سىنىڭ پۈككەن بولسا سۇنماس قەددىڭنى،
دەس تۇرغۇزاي قۇربىتىم يەتسە،
يەنە سىنى پاكلاندۇراتتىم ،
ئاۋازىمدىن ساما تىترىسە.
سەندىن سوراي …
يىشىڭ يەتتى نەچچىگە زىمىن؟
ياشاندىڭمۇ ياكى قىرانسەن؟
89 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرسۇنتاي قۇربانتاي | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-14 11:30:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|