چۈشۈمدىن كەتمە
خەلچەم خېلىل
ھەجەپ بىر سۈيۈملۈك ئىدىڭ مەن ئۈچۈن،
قەلبىمنى پۈتۈنلەي قاماللاپ بولغان،
ئۇيقۇسىز كىچىلەر خىيالغا پېتىپ،
ئەڭ پىنھان ئەڭ شىرىن ھىسلارغا تولغان.
پۈتۈنلەي باشقىچە تۇيغۇ بار ئىدى،
سەن ئامراق ھەممىگە ھۆرمەت قىلاتتىم،
چۈشۈمدە بولسىمۇ بىر كۈرۈش ئۈچۈن،
كۈندۈزى كىچىگە بەيئەت قىلاتتىم.
مەڭگۈگە ئىشىنىپ بەخىتلىك كۈنگە،
سەن بولساڭ مەنمۇ بار،خىيالىم شۇتى،
ئىمكانسىز ئېيتاتتىم ھىجران كۈيىنى،
ئايرىلىش پىراقى قۇلۇمنى تۇتتى.
تۇيۇقسىز گەپ قىلماس بوپقالدىڭ ماڭا،
دۈشمۈنۈم سۆيگۈمنى ئەرزان ساتتىمۇ،
سىنىڭسىز كۈنەلمەي يېقىلدىم بۇندا،
يۈرەككە ئەلەملىك خەنجەر پاتتىمۇ.
شۇندىمۇ ئۈمۈتلۈك ياشاۋاتىمەن،
كۆرمەككە ئەتىدە ئاتقان تاڭلارنى،
ھىدىڭ بار شامالغا دەردىمنى ئېيتىپ،
مەجنۇندەك سۆزلەيمەن سەن بار چاغلارنى.
كەتسەڭ كەت ئاق بولسۇن يوللۇرۇڭ جېنىم،
كەتسەڭمۇ دۇنيادا سەن بولساڭ بولدى،
چۈشۈمدىن كەتمىگىن ئۈتۈنۈپ قالاي،
بىر ئاچچىق سېغىنىش يۈرەككە تولدى.
2016.10.16
66 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-20 23:50:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|