مازلاشماڭلار
يازغۇچى: ئابدۇۋارىس ئوسمان
دادام ئېتىزلاردا مەن كەلدىم مەكتەپكە،
بىر كۆزۇم قالدى قاراپ ئىللىق ئۆيۇمگە.
يېڭى كەلدىم ئەمدى بۇ گۈزەل مەكتەپكە،
ئاي ئۆتمەي كەتكىم كەلدى ئىللىق ئۆيۈمگە.
يېڭى كېپ ياقمىدى يات چىراي سەت قىلىق،
ئەخلاقتىن سۆز ئاچسام كۆرگۈنۇم بەت قىلىق.
قېنى ؟ ساۋاغداشلار بىزدىكى سەبىيلىك ،
مازلىشىپ كەتمەڭلار چىقىرىپ ماز قىلىق.
چەكسەڭ بوپتۇ دىدىم ياتاقنى ئىس بۇرتۇپ،
كۈلۇپ قويدۇم كارىم يوق دەردىمنى يۇتۇپ.
ئەمدى ئەخلاقنى دوس تۇتۇپ تۈزۇلىڭلار ،
خەلقىم تۇرماقتا بىزدىن چوڭ ئۈمۇت كۈتۇپ.
يىگىت قىزلارنى ئالدايدىغان ماز ئەمەس ،
قىز ھەم يىگىتنىڭ ئاخماق قونچىقى ئەمەس.
مەكتەپتىكى مۇھاببەت مۇھاببەت ئەمەس ،
ئالدانماڭلار ھەۋەسكە بۇ ئۇيۇن ئەمەس .
ھۆرمەتكە لايىق مۇئەللىم چىراق بولغاچ ،
ھەم ئۇنىڭ قەلبى مېھىر سۆيگۈگە تولغاچ.
بىزلەرمۇ ھەم شۇلارنىڭ ئىزىدا بولغاچ ،
ئەخلاقتا ماڭايلى بىزمۇ ئادەم بولغاچ .
يېڭى كەلدىم مەكتەپكە، ئەمما بىر قىسىم باللارنىڭ ئاغزىدىن سەت سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قىلىقلىرغا قاراپ بەك بىئارام بولدۇم. سىز مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ياكى ئوقىمايدىغان بولۇڭ، ئەخلاققا دېققەت قىلىڭ، ئادەمدەك ياشاڭ! ئادەمنىڭ قىممىتى ئەخلاق بىلەن!
269 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-7 5:57:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|