مەنزىل

مەنزىل


  بەزىلەر لوقماندەك مىڭ يىل ياشىدى،
ۋاي ئ‍ەپسۇسئۇنىڭدىن ئىزنا قالمىدى·
بەزىلەر رۇستەمدەك ئ‍ون يىل ياشاپلا ،
بۇ داستاننى ئېيتمىغان تىللار قالمىدى.

دېمەككى ھاياتتا ياشاش باشقىچە،
ھەر ئىشتا ئېچىلىپ ياشناش باشقىچە.
ياۋلارغا مەردانى ئېچىپ كۆكسىنى،
ئەل يۇرتقا ئۆزىنى ئاتاش باشقىچە.

رۇستەمدەك ياشىساڭ نامىڭ قالىدۇ،
ئەۋلادىڭ سېنىڭدىن ئۈلگە ئالىدۇ.
توشقاندەك تىتىرەپ مىڭ يىل ياشىساڭ،
سېنىڭدىن بىر چاڭگال توپا قالىدۇ.

     





55 قېتىم كۆرۈلدى subi520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 22:52:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ