يالغۇزمەن
گۈلزىرە مەخمۇت
جىمجىتلىققا تولغان كىچىككىنە ئۆيۈمدە خاتىرە دەپتىرىمنى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلىغان چاغلىرىمدا ، خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتمەكچى بولغان چاغلىرىمدا يالغۇزمەن؛
يېقىنلىرىمدىن ئازار يەپ ، دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا يالغۇزمەن؛
بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىمنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلىپ ، قىلغانلىرىمدىن رازى بولماي ، داۋاملىق ئاغرىنىپ يۈرگەن چاغلىرىدا يالغۇزمەن؛
ئۆزۈم چىن قەلبىمدىن بارلىقىم بىلەن سۆيگەن ئادىمىمىنىڭ :‹‹ مەن بۇرۇن سېنى سۆيگەن ئىدىم ، كەچۈرگىن.....›› دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئاچچىق كۈلگەن چېغىمدا يالغۇزمەن؛
مەن ئىشەنگەن ھەم ماڭا ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ مېنى يالغانچىلىق بىلەن ، ھەتتا ئاقمايدىغان باھانە-سەۋەپلەر بىلەن ئارىمىزدىكى ئىشەنچنى بەربات قىلغان چېغىدا يالغۇزمەن؛
باشلىقىمنىڭ :‹‹نېمىشقا ۋاقتىدا ئورۇنلىمايسەن ۋەزەپىنى ؟.....›› دەپ ئەيىپلىگەن ۋاقىتلاردا يالغۇزمەن؛
ئىمتىھانلاردىن كۆڭۈلدىكىدەك نومۇر ئالالماي ، يۈزتۇرانە ئىمتىھانلارغا كىرەلمەي ، ئىشەنچىمنى يوقىتاي دەپ قالغان چېغىمدا يالغۇزمەن؛
ئەتراپىمدىكىلەر ‹‹ سەن ئاشۇنداق قىلدىڭمۇ ؟›› دەپ گۇمانلىق نەزىرى بىلەن قارىغانلىرىدا يالغۇزمەن؛
يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ تۇرۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىدىن قۇتۇلالمىغان چاغلىرىمدا يالغۇزمەن؛
‹‹ قانداق قىلسام بولار ؟ قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ؟›› دەپ بېشىمنىڭ ئىچى-تېشى قېتىپ ئىلاجىسىز قالغىنىمدا يەنىلا يالغۇزمەن؛
قىلغان خاتالىقلىرىمغا پۇشايمان قىلىپ ، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆتكۈزىۋەتمىگىنىمگە ئۆكۈنۈپ ، كۆز ياشلىرىم ئۈن-تىنسىز تۆكۈلگەندە يالغۇزمەن؛
ھايات سىناقلىرىدا نۇرغۇنلىغان مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئۈمۈدسىزلىكنىڭ پاتقاقلىرىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقىنىمدا يالغۇزمەن؛
كۆڭلۈم رەنجىگەندە ، يۈرىكىم ئاغرىغاندا يەنىلا يالغۇزمەن؛
نېمىشقا يالغۇ سەن دەمسەن ؟ يالغۇزلۇقنى تاللاشقا مەجبۇرمەن . لېكىن مېنى بىچارە ، يار-يۆلەكسىز دەپ قالما . كۈچلۈكلەرلا يالغۇزلۇققا تاقابىل تۇرالايدۇ ، يالغۇزلۇقنى كۈچ-قۇدرەتكە ئايلاندۇرالايدۇ . ھەرۋاقىت ئېسىڭدە بولسۇن، يالغۇزلۇق خاسلىققا تولغان بىر خىل تاللاش يولى . سەن يالغۇز قالغىنىڭدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلايسەن ، تەپەككۇر قىلىسەن . ئويلاپ تېگىگە يېتىسەن ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىسەن . يالغۇزلۇقۇڭدا ئۆز سىرىڭنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن ، ئۆز تۇرمۇشۇڭغا ، ئۆزۈڭنىڭ تاللىشىغا ئىگە بولىسەن . گەرچە يالغۇزنىڭ كۈچى كۆپ بولمىسىمۇ ، بىراق ئۆزگىلەرگە يۆلىنىپ قالمايسەن ، مۇستەقىللىق ئىدىيەڭ كۈچىيىدۇ.
يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىمەن . يالغۇزلۇقنىڭ جاپاسىنى كۆپ تارتقان بولساممۇ ، بىراق ئاشۇ يالغۇزلۇقۇم مېنى تېخىمۇ غەيرەتلىك بولۇشقا ، ئۈمۈدۋار بولۇشقا ئۈندەيدۇ . گوياكى ئۈزلۈكسىز يېنىپ تۇرىدىغان ماياكقا ئوخشاش ، ھايات نىشانەمنى كۆرسىتىپ ، مېنى داۋاملىق ئالغا بېسىشقا يېتەكلەيدۇ . ھەيران قالمىغىن ، بۇنداق دېسەم . ھەرقانداق ئىنسان بۇ دۇنياغا يالغۇز كېلىپ يالغۇز قايتىدىغۇ ! يالغۇزلۇق بىر خىل تەپەككۇر شەكلى . سەن يالغۇز قالغان چېغىڭدا ، ھېچقانداق نەرسە سېنىڭ يالغۇز دۇنيارىڭغا سىڭىپ كىرەلمەيدۇ . سەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئوپىراتسىيە قىلىسەن ھەم مۇشۇ جەرياندا قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشىسەن . بۇ خىل ئىزدىنىش ، تەھلىل قىلىش ساڭا ھەرخىل تاللاش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ . يالغۇزلۇق-مەڭگۈ ساڭا ئاسىيلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ . ئۆزۈڭ كۈلىسەن ، ئۆزۈڭ يىغلايسەن ، ئۆزۈڭ ھەل قىلسەن . ئۆزگىلەرنى ئاۋارە قىلمايسەن ، ئۆزگىلەرگە موھتاج بولمايسەن . سەن ئۆز ھاياتىڭنىڭ باش رولچىسى ئۆزۈڭ بولىسەن . شۇڭلاشقا ، يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىمەن !
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
2016-يىلى 22-دېكابىر
394 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-22 23:55:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-27 21:39:45 | زۇلخۇمار خۇرشىد |
سىز يالغۇز ئەمەس جېنىم ، ينىڭىزدا مەن سىزگە ھەراھمەن، مەنمۇ ھەم سىز بىلەن تەڭ يالغۇزمەن……… |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|