پەرزەنىت ئىشقى
نۇرگۈل
يۈرۈكۈمنىڭ داۋاسى بالام،
كۆزلۈرۈمنىڭ قاراسى بالام.
ئاققىنىغا تۈگىمەس يىشىم،
ساڭا باغرىم قانارمۇ بالام.
🌹🌹🌹
تەتىر كەلدى ئەجەپ بۇ پەلەك،
جىنىم تەندىن ئايرىلدى بالام.
ياشىماسقا ئامالىم يوقكەن،
ۋىسال نىسىپ بولارمۇ بالام.
🌹🌹🌹
شامۇ-سەھەر سىنى ئەسلەيمەن،
يۈرىكىمدىن ھەردەم ئىزدەيمەن.
بىر ئاللاھتىن بەختىڭ تىلەيمەن،
ئۆمرۈم دەتتە ئۆتەرمۇ بالام.
🌹🌹🌹
سىنى كۆرۈپ بالام دىيەلمەي،
مەڭزىڭگە ھەم قىنىپ سۆيەلمەي.
ئازابىمنى ھىچكىم چۈشەنمەي،
ئەلەم يۈتۈپ كىتەمدىم بالام.
🌹🌹🌹
سۆزلىگەنگە تۈگىمەس دەردىم،
خۇدايىمغا يىتەرمۇئەرزىم.
بارچە دەتكە پۈكۈلمەس قەددىم،
سەبرىم بىلەن ياشايمەن بالام.
🌹🌹🌹
پەرزەنتىدىن بىمەھەل ئايرىلغان بارچا مىھرىبانلارغا سەبىر تىلەيمەن،
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر بەندىسىنى پەرزەنىت ھىجرانىدا كۆيدۈرمىگەي
| 56 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-4 8:18:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|