نېمىشقا
ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى
ئاۋام بىلەن بىر ئوتتا كۈيەلمەيمىز نىمىشقا ؟
بىر تۇپراققا پېتىشىپ ئۈنەلمەيمىز نىمىشقا ؟
رىئاللىقنى ھەق كۆزدە كۈرەلمەيمىز نىمىشقا ؟
قەلبىمىزدىن لاتقىنى سۈزەلمەيمىز نىمىشقا ؟
يىتۈك نامنى تارىخقا پۈتەلمەيمىز نىمىشقا ؟
ئىناقلىققا تەلپۈنۈپ زەرداپ بولغان دىلىمىز،
تىكەن پېتىپ تاپانغا نەچچە ئاققان قېنىمىز،
ياشىغانتۇق نەچچە يىل پۈتۈن بولماي نېنىمىز،
رىشتە باغلاپ ئۈمۈتكە ئامان قالغان جېنىمىز،
ئەمدى بەخىت كەلگەندە سۈيەلمەيمىز نىمىشقا ؟
سەپسەتىگە ئىشىنىپ رىشتە باغلاپ ئىللەتكە،
تىنىچلىققا چىدىماي قارا سۈركەپ مىللەتكە ،
ھەمقان بولماي ياتلىشىپ ياننى قىلىپ خىسلەتكە،
قايىتقۇلۇقمۇ يەنە بىر ئاشۇ قارا قىسمەتكە،
ئەمدى تەلەي كەلگەندە كۆرەلمەيمىز نىمىشقا ؟
يۈز ئۆرىگەن ۋەتەندىن قارا يۈزدۇر،غاپىلدۇر،
سېلىشتۇرۇپ پەرىقنى تېپىپ چىققان ئاقىلدۇر،
ئوترا يولدا تىك تۇرۇپ مەشئەل تۇتقان قابىلدۇر،
ئاۋام ئۈچۈن تاغ يېرىپ سۇ باشلىغان تاھىردۇر ،
ئىجىل بۇلۇپ تۇققاندەك ئۈتەلمەيمىز نىمىشقا ؟
نادانلىققا قول بىرىپ تېيىپ ئەلنىڭ يولىدىن،
ئىما قىلىپ ئەۋلادنى ئايرىپ ھەقنىڭ نۇرىدىن ،
دەرس ئېلىپ شەيتاندىن كىچىپ ئەجداد تونىدىن ،
ھەسەت بىلەن ئۆرتىنىپ ئىناقلىقنىڭ خورىدىن،
قۇترىغاندىن قورۇقماي ،تۈزەلمەيمىز نىمىشقا ؟
ئىچى تارلار بەخىتنىڭ بىلەلمەيدۇ تەمىنى،
سىغدۇرمايدۇ قەلبىگە گۈلىستانلىق ئەتىنى،
ئاۋام ماڭسا سەپەرگە قاتالمايدۇ مەپىنى،
ئاقىۋەتتە ھېچكىمگە تۈكەلمەيدۇ دەردىنى،
ئارىمىزدىن ئالىنى سۈزەلمەيمىز نىمىشقا ؟
بىگۇناھلار چەيلەندى تەگدى ئازغۇن تاش بۇلۇپ ،
تامچىلىدى كۆزلەردىن تۇز سۈيىدەك ياش تۇلۇپ ،
سوغ ئېقىمدا تىترىدى،بەدەنلەرمۇ مۇز بۇلۇپ ،
تەستە كەلگەن قۇۋناقلىق تەمى تاتلىق ئاش بۇلۇپ ،
يۇبدان بىلەن ھەسەلنى بىلەلمەيمىز نىمىشقا ؟
مۇھتاج ئىدۇق بىر چاغلار ۋىسال ئاتلىق داۋاغا،
ئىبرەت ئالغىن قىسمەتتىن،باقما دۇستۇم خاتاغا،
يار ھىدىدىن تىنىق ئال كۆتۈرۈلگىن ساباغا ،
بەخىت دېگەن مانا شۇ ،چۈشكىن قېنى ساماغا،
جىلۋە قىلسا رىئاللىق كۈلەلمەيمىز نىمىشقا ؟
2017.3.13
كېرىيە لەنگەر بوز يەر باشتېرىم
| 43 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-31 4:52:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|