بەزىلەر
نىيازخان يۈنۈس نەۋرۇزە
بەزىلەر گە يول قويدۇم ،بەزىلەرگە قول قويدۇم،
ھۆرمەت بىلەن قولىغا گۈل چەينەكتە سۇ قۇيدۇم.
پاي-پىتەك بولۇپ قەدەمدە، خىزمەت قىلىپ باش قويدۇم،
ئاينى سۈزۈپ بەرسەڭمۇ بىلمەيدىكەن بەزىلەر.
بەزىلەرگە جان بەردىم ، بەزىلەرگە قان بەردىم،
قورسىقى ئاچ قالغاندا ،ئۆزەم يىمەي نان بەردىم.
كەتسە ئۆزى يىراققا كەپتىرىگە دان بەردىم ،
پۈتۈن دۇنيا بەرسەڭمۇ بىلمەيدىكەن بەزىلەر .
بەزىلەرگە پۇل بەردىم ، ئېتىزىغا گۈل تەردىم،
چالغان دېپى يىرتىلسا، چىڭ تېرىدىن داپ كەردىم.
ئاز ئەمەسقۇ ۋاي توۋا بېشىمدىكى بۇ دەردىم،
پۈتۈن جاننى بەرسەڭمۇ بىلمەيدىكەن بەزىلەر .
ئولتاساممۇ ئالچۇقتا، ئۇزۇن سايلىق ئاقچۇقتا،
دەرتلەر كەلسە بېشىغا، قوغدىغانتىم قارچۇقتا.
چاچلىرىنى ئۆرگەنتىم تال-تال قىلىپ بالجۇقتا،
جەننەت ئاتا قىلساڭمۇ بىلمەيدىكەن بەزىلەر .
بەزىلەرگە يول قويدۇم ، بەزىلەرگە قول قويدۇم ،
يۈزى قارا شەيتاندىن بەدەر قاچتىم جاق تويدۇم .
ئەمدى بوزەك بولمايمەن ، ياخشىلارغا قوي سويدۇم،
ئالتۇن ساراي سالساڭمۇ بىلمەيدىكەن بەزىلەر .
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، دۈيشەنبە
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار :qq1165181317
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
| 110 قېتىم كۆرۈلدى | نىيازخان يۈنۈس نەۋرۇزە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-29 21:41:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|