​شۇ ھاراقنى دەپ ئۆلسەڭ بولامدۇ - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

شۇ ھاراقنى دەپ ئۆلسەڭ بولامدۇ

ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

ئەي نادان دوستۇم كۆڭلۈڭنى ئىزدەپ،
كېتەيمۇ سەندەك پەل پەتىش سۆزلەپ.
ياكى ئۆتەيمۇ ۋىژداننى كۆزلەپ،
ھاراقنى جاندىن سۆيسەم بولامدۇ.

ھاراق ئىچمىسە ۋىژدان سىز دېدىڭ،
زابوي بوپ يۈرسەم دوستۇم دەپ بىلدىڭ.
ھاراقنى جاندىن ،جېنىڭدىن سۆيدىڭ،
مەنمۇ سېنىڭدەك يۈرسەم بولامدۇ.

يوقمۇ سېنىڭدە ئادىمى قاراش،
ئادەمدەك يۈرۈپ ئادەمدەك ياشاش.
كەچسە مەيلىمۇ سەندىن قېرىنداش،
مىھرى مۇھەببەت ئوچسە بولامدۇ.

بولدى قىل ئەمدى ئاقماس سۆزۈڭنى،
ۋىژداندىن سۆزلەپ ئەزمە ئۆزۈڭنى.
تاشلىۋەت جاننىڭ قەستى شەيتاننى،
شۇ ھاراقنى دەپ ئۆلسەڭ بولامدۇ.

ئۈندىدار 2318334127
     





68 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 1:20:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ