كۆلەڭگە (نەسىر) - ئەختەر

 كۆلەڭگە
ئەختەر


ئىلىم گۇلزارىدا دۇلدۇلدەك چىپىۋاتقان كۇنلىرىمنىڭ بىرىدە ھاياتنىڭ ئىغىر سىناقلىرىغا دۇچ كەلدىم دە ،  بىلىم دەۋاسى بىلەن تىپىرلىدىم .

بىر كۇنۇمنىڭ بىلىم بىغىدىن شىرنىلىك مىۋىلەرنى ئىلىپ ئىغىزلىنىش ھەم لەززەتلىنىش بىلەن تامام بولىشى شۇ مىۋىلىك دەرەخلەرگە نىسپەتەن ھۆرمەت ، پەخىرلىنىش تۇيغىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى  .

 كەچتە ئاكام بىلەن دۇكاننى تاقاپ قاتماقتىمىز ، يولدا بىر كۆلەڭگە بىزگە ياق توغرىسى بىز تەرەپكە قاراپ كىلۋاتىدۇ . ئۇ كۆلەڭگە تۇرۇپ – تۇرۇپ ئىككى تەرەپكە سىلجىدى ئۇ تەڭشىلىپ قالغاندەك،ئۆزىنى ئاران،ئاران ھاياتنڭ تۇرمۇش ئۇربىتىسقا قايتۇرۇپ كىلەتتى يۇ،يەنە ....بولمىغۇل قىلىقلار ئۆزىنىڭ كۇچىنى كۆرسىتۋاتاتتى . مانا ئەمدى بولدى، ئۇنىڭغا مەيىن شاماللار ، ياق ، مەين شامال ئەمەس نەپرەت ،نالەت تۇپىكلىرى غەزەپ بىلەن ياغماقتا.راس ھەققى بار ئۇلارنىڭ ھەققى بار، چۇنكى ئۇ ھازىر شۇنداققىلىشقا مۇناسىپ تۇرقىدىكى كۆلەڭگە .

 مانا ، بۇ كۆلەڭگە تەدرىجى ئىغىر قەدەملەر بىلەن بىزنىڭ ئۇدىلىمىزغا كەلدى ، ھەي ! ! شۇ كۆلەڭگىگە قارىدىم ، قارىدىم يۇ ، ئەندىكىپ كەتتىم، كۆزلىرىم شۇ كۆلەڭگىدىكى بىر نۇقتىغا يەنى ئۇنىڭ يۇمۇلۇپ كىتىۋاتقان كۆزلىرىگە مىختەك قادالدى ....

كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ، بۇ ناھايىتى تونۇش بىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ناھايىتى تونۇش ! ! لىكىن ئۇنى بۇنداق يەردە، يەنە كىلىپ بۇنداق ھالەتتە ، ئىنىقراق ئىتقاندا مەس ھالىتىدە كۆرۇنشنى خىيالىمغا كەلتۇرۇپ باقمىغان .
  ئىختىيارسىز « مۇئەللىم بۇ سىزمۇ ! ! ؟؟ » دەپ چاقىرىپ قالدىم . ئەتراپتىكى باشقا كۆلەڭگۇلەر بۇ سۇئالىمدىن چۆچۇپ كەتكەندەك بىر ئىزدا توختاپ قالدى . راس ، بۇ راسلا مۇئەللىمنىڭ ، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ،بۇنداق ئىشلارنى قەتتى   قىلمايدۇ دەپ ئىشەنگەن مۇئەللىمنىڭ كۆلەڭگىسى .
 قەدەملىرىم مىنى ئۇنىڭ يىنىغا ئاپاردى ، ئۇنى چاقىردىم، سىلكىدىم ، نوقۇدۇم لىكىن ئىرىشكىنىم « ھە ئۇكا ، ئاخىرى كەلدىڭ ، يۇرە ئەمدى ئىچىمىز... »

دىگەندەك سۆزلەر بولدى . قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم ، ئەسلى بۇ تونۇش     كۆلەڭگىنىڭ ئىغىزىدىن ساپلا شىرنىلىك مىۋە پۇرىقى بالقاتتى ھازىر بولسا نىمە زادى نىمە ! !؟؟ ...... بىلەلمىدىم .
ئاستا -ئاستا ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىم ، تۇنجى قىتىم ئۆزۇمنى ئىپ قاچتىم .....
 تاڭ سەھەر يەنە شۇ ئاخشامقى كۆلەڭگە بىلەن ئۇچىراشتىم ئەمما ئۇنىڭ تۇرقى  ئاخشامقىنىڭ دەل ئەكسى. ئۆز-ئۆزۇمگە « ساختا كۆلەڭگە !» دەپ پىچىرلىدىم مانا ، ئۇنىڭ شىرنىلىك مىۋە پۇرقى ماڭا قاڭسىق ، بەتبۇي بىلنىشكە باشلىدى . كۆز ئالدىمدا بولسا ئاخشامقى كۆرنىشلەر زاھىر بولماقتا ...
     





180 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-17 16:01:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 21:04:14 سېمىجان،
يېڭىي مەزمۇن
2016-12-22 12:46:16 زۇبەم
نۇرغۇن كۆلەڭگىلەر ئويلانغۇدەك تېما بوپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ