شاخلاردا بىر-بىرنى كۈيلەيدۇ شاتۇت
   ئوسمان ئابدۇللا  (نازۇك)
دىلىم بەك ئىزگۈلۈك، كۆڭلۆم پەرىشان،
ھسلىرىم قالايمقان، چىچىلار ھەريان.
بۇ كۆڭلۈم كىملەردىن تاپاركىن ئەمىن،
يۈرۈگۈم ئىچىشار چاققاندەك چايان.
شاخلاردا بىر-بىرنى كۈيلەيدۇ شاتۇت،
ئاۋازى يىقىمىلىق، سايىراشلىرى  ئوت.
كۆڭلۈم دەر،بولدى قىل، ھەممىنى ئۇنۇت،
ئەمما ئۆز دەرتلىرىم  ئۆزۆمگە ئايان.
خۇشاللىق ئىزلەيمەن، تاپالىمىدىم ھىچ،
ئۆزگىلەر شادىمان، پەقەت مەن تىنىچ.
يۈرۈگۈم قان-زەرداپ، چاپقاندەك قلىچ،
ھەقىقى دىل سىرداش تاپارمەن قاچان.
بىر ئاچچىق ئازاپ بار، دىلنى خەستىلەر،
ئارمانغا - دەرمان نە؟قاچان يەتتىېلەر.
شۇئازاپ،نى جانلەرنى خاراپ ئەتتىېلەر،
ھەر قسمەت ئنساننى كۈتەركەن ھامان.
 2017-يىلى 10-ئاپىرىل(قارىتاغىز)
      
| 51 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-11 19:02:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |