ھاياتتا
گۈلنىگار مەتۇرزى
ئادەم بىز ئوخشايمىز بىر دۆۋە تاشقا،
بەزىلەر چوڭ بولسا بەزىلەر كىچىك.
ھەر كۈنى يۈگرەيمىز بىر قازان ئاشقا ،
مەيلى بولايلى قاۋۇل ۋە ياكى ۋىجىك.
بەزىلەر بولاركەن گۆھەر قاشتېشى،
بەزىلەر بولاركەن كۈن كۆرمەس شىغىل.
بولۇرمىز ھەم ئىمارەتنىڭ ھەيۋەت ئۇلتېشى،
مەنزىلىمىز بىر ھاياتبۇ ئۆتسەككەن ئىجىل .
ياراتمايمىز بىراۋنى ئوخشاش تۇرۇپ بىز ،
ئۆزىمىز ھەم قانچىلىك ئويلاپ باقمايمىز.
سورىقى بار دۇنيا بۇ قۇتۇلالماس ھېچكىم ،
توختىلىپ بىر ئويلايلى ئەجدادىمىز بىر !
2015-10-27
| 151 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-2 0:27:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|