ئاتۇش بېشەك شېرىنى
ئاتۇش بېشەك شېرىنى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) تاشلىق زىمىن ئاتۇشنىڭ ، ئىسسىق بولغاچ ھاۋاسى ، ئىشچان خەلقىم بەك ئىللىق ، ھەممە يەردە ساماسى ، بېشەك - شېرىن كۆكچىسى ، داڭقى كەتكەن شىنجاڭغا ، ئوخشاپ كېتەر بېشەگى ، خۇشپۇراقلىق سالاسى ، پىلەك ئاتسا مايسىلار ، ئېچىلىدۇ چېچەكلەر ، ئالتۇن رەڭلىك چېچەكتىن ، چۈشۈدىغۇ بېشەكلەر ، ئىنتىزاردۇر بالىلار ، ئالتۇن رەڭلىك بېشەككە ، تېزرەك پىشسا بولماسمۇ ، ئۈزۈپ يىسەك بېشەكلەر . مەي باغلىسا بېشەكلەر ، يىمەي قانداق چىدايمىز ، ھوزۇرلانسا مېھمانلار ، خۇشال كۈلۈپ يايرايمىز ، بېشەك شېرىن - شېكەردۇر ، خۇشخۇي پۇراق ھېد چاچار ، ئوخشىغاچقا بېشەكلەر ، شۇنچە يەپمۇ تويمايمىز . تېزرەك پىشىڭ شېكەرلەر ، تەشنا بولدى دېھقانلار ، ئۈزۈپ يىسۇن بېغىدىن ، سەبىي ئوماق بالىلار ، ئىشتىھادا زوقلۇنۇپ ، ھوزۇر ئالسۇن ھەممىسى ، خۇشال بولۇپ زوقلىنىپ ، ھوزۇرلانسۇن بوۋايلار . يېسەڭ بېشەك شېرىننى ، تىللىرىڭنى يارىدۇ ، ئۇسسۇزلىقىڭ قاندۇرۇپ ، يۈرەگىڭگە بارىدۇ ، مەرى ئىسسق بولغاچقا ، تويمايسەنغۇ زادىلا ، بىتاب بولساڭ ناۋادا ، كۆڭۈللەرنى ئاچىدۇ . مەشرەپلەردە بېشەكلەر ، داسقان تۆرى تۇرىدۇ ، ھوزۇرلانسا مېھمانلار ، ئىشچان دېھقان كۈلىدۇ ، پىشقان چاغدا يۇرتۇمغا ، كېلىڭ دوستۇم بىر قېتىم ، ئاتۇش خەلقى مېھمان دوست ، بېشەك پىچىپ بېرىدۇ . قول سۇنۇشۇپ بېشەككە ، ھوزۇرلانسا مېھمانلار ، ساھىپخانلار خوش بولۇپ ، دىلدا قالماس ئارمانلار ، ئۇچۇر بېرەي مېھمانلار ، پىشتى ئاتۇش شېكەرى ، تېزرەك كېلىپ يەپ كېتىڭ ، بېرەر سىزگە ھوزۇرلار . يۇرتىمىزنىڭ بېشەگى ، تىلنى يارۇر بىلىۋال ، قوغۇنلارنىڭ ئەركىسى ، تەملىرىنى تېتىۋال ، تېتىپ باققان كىشىلەر ، ئۇنۇتمايدۇ مەڭگۈگە ، ساھىپخانلار رازىدۇر ، بىرە تالدىن ئېلىۋال . يۇرتىمىزنىڭ بېشەگى ، بېشەكلەرنىڭ سەردارى ، تېتىپ باقساڭ ناۋادا ، تېلىڭ بولۇر مۇڭ تارى ، شۇنچە شېرېن ھەم تاتلىق ، ئېغىز تېگىڭ دوستلۇرۇم ، ئىشچان جەسۇر خەلقىمنىڭ ، قوينى ئىللىق ھەر چاغى . ئاتۇش خەلقى مېھمان دوست ، شىنجاڭ خەلقى بىلىدۇ ، شېرىن - شېكەر بېشەگى ، تىلىڭ تاتلىق قىلىدۇ ، ئوخشاپ كەتتى باغلاردا ، سەيلە قىلىپ كېتىڭلار ، مېھمان بولۇپ كەلسىڭىز ، بېشەك ئۈزۈپ بېرىدۇ .



31 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-26 19:42:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ