«ئا»دىن ئاتلىنىپ«ئا»دائاياقلاشقان ئاشىق ئارىسلاننىڭ ئالىيەگە ئاتىغان ئاخىرقى ئارمىنى
ساۋۇت سەدەن (ئانار)
ئالەمدىكى ئاياللار ئارسىدا ئالاھىدە ئاپپاق ئاتالغان ئامىرىغىم ئالىيە ئامانلىقمۇ؟
ئالدىراپ ئاغزىمغا ئالجوقىلارچە ئامرىقىمنى ئاتاپ ئالغانلىغىمدىن ئاغرىنمىغىن ، ئاچچىقلانمىغىن، ئالىيە ئاپىرىل ئايلىرىدا ئايرىلغانتۇق. ئاۋغۇسىت ئايلىرى ئارسىغا ئالدى، ئايرىلىش ئارلىغى ئاۋۇسىمۇ ، ئاقلىقتا ئايدىن ئالدىنلىقنى ئالىدىغان ئالمۇتىنىڭ ئالمىسىدەك ئاپىرىننى ئاغزىمغا ئالغۇزدىغانلىغىڭ ئالدىمدا ئايان ، ئاھ ئالىيە ئاجىز ئاشىقلىغىمغا ئاغرىنغىن ، ئادىل ئاللا ئاشىقلىقنى ئاتاپتۇ، ئاشىقلىقنىڭ ئالمانغان ئازاپلىق ئارقانلىرىدىن ئاجىرتىپ ئاھلىرىمغا ئالما ئاتقىن ئازاپلاردىن ئايرىلاي ، ئالتە ئايلىق ئالەمدە ئالتىنجى ئاينىڭ ئاپتىۋىدىكى ئاچلىقتىن ئاجىزلىغان ئاسلاندەك ئالدى-ئارقامغا ئايلانماي، ئاتلار ئارسىدىكى ئارغىماقتەك ئالغا ئاتلىناي، ئالىيە ئاشىقىڭنىڭ ئارمىنى ئازادە ئاراملىقى ئالقىنىڭدا، ئالقىنىڭنى ئاچقىن ئاققان ئامەتلىرىڭدىن ئايلىناي، ئادەملەر ئارسىدا ئازاپلىق ئاپەتلەردىن ئاقلىنىپ ،ئاسماندىكى ئاققۇدەك ئالەمنى ئارمانسىز ئايلىناي، ئاخىرقى ئارمىنىم : ئالىيە ئاتىنىڭ ئاللا ئالدىدا ئاتىغان ئارىسلان ئاتلىق ئاشىقىڭنى ئازاپ ئازگالىرىدىن ئايرىغىن ، ئالىيە ئاللا ئامانلىقىڭنى ئاتىغاي .
ئاۋغۇسىتنىڭ ئالتىسى، ئاشىق ئارىسلان ئابلىزدى.
| 589 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-23 11:05:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|