ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
ئاساندۇر ئېقىنى - ئېقىنغا قوشماق ،
ۋەياكى بىراۋنى ئازابقا قويماق.
ۋېجدانىڭ كۆزىدە بۇ جاھانغا باق ،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

بەزىلەر ئالدايدۇ سېنى گول قىلىپ ،
تىكەننى سونىدۇ قىزىل گۈل قىلىپ.
يۈز يىللىق ئەجرىڭنى مېنۇت نۆل قىلىپ ،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

بەزىلەر زەھەرلىك يىلان تىمسالى ،
بەزىلەر قەھىرلىك قاپلان تىمسالى .
بەزىلەر ئادەم يۇ ،ھايۋان تىمسالى ،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

بەزىلەر ياشايدۇ كىبىرلىك بولۇپ ،
بىباھا ۋىجدانى گىرامغا قويۇپ.
بەزىلەر توزىيدۇ شېخىدا تورۇپ ،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

دادىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ بالا ،
بالىنىڭ دەرتىنى بىلمەيدۇ دادا.
ئاققىۋەت ھەممىنى يۈتىدۇ دۇنيا ،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

بىر مېنۇت ئۆمۈرنىڭ بىر بىتى ئەسلا ،
ئۇ يىرتىپ قەدەمدە پۈتمەيدۇ قايتا.
ئاشىقنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدۇ ناخشا،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

قىزلارنىڭ تۇلىسى مودىغا ئەسىر،
" مودىسىز ئۇ تۇرمۇش خارتۇمى يوق پىل"
دۇنياغا مېھمانسەن شۇ ساۋاقنى بىل ،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

ئويلاپ كۆر ھەي ئىنسان ئىمانىڭ نېمە ؟
دۇنياغا كەلدىڭ سەن ئارمانىڭ نېمە؟
كەچ بولدى بۇ كۈنمۇ قىلغانىڭ نېمە ؟
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

بەزىلەر قېرىنداش لىكىن مېھىر يوق ،
مېھىرنىڭ باھارى -يازىمۇ سۇغۇق .
بەزىلەر ياتلارغا ئايلانغان تۇلۇق،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !

كىتىمىز نىھايەت يا ئەتە ، ئۆگۈن،
قالىدۇ نام - ئاتاق يىپىنغان زەر- تون،
لەيلىنىڭ ۋەسلىگە يەتمەيدۇ مەجنۇن ،
ھەممىدىن تەس ئىكەن ھايات ياشىماق !
| 388 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-4-17 19:31:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-4-22 13:03:21 | زەيتۇنە |
| نىمە دىگەن توغرا گەپلەر | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|