ئاشىق يارغا سۆز - تۇنساگۈل ئىسمائىل

ئاشىق يارغا سۆز

 

كۆزۈم ياش قەلبىم قان بولسىمۇ جانىم،

 سەن ئۈچۈن كۈلىدۇ يۈرۈكۈم باغرىم.

 قانچىلىك ئازاپلار كەلسە چىدايمەن،

 مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم سەن يارىم.

 

نەچچە كۈن بوپ قالدى كۆڭلۈم بەك يېرىم،

 سەۋەبى مەلۇمدۇر ساڭىمۇ بەلكىم.

 شۇنچىلىك غەيرەتلىك چىدامچان قىزمەن،

 مەن بىلەن كەتسىكەن ھەر قانداق دەردىم.

 

 ئازاپنىڭ ھەممىسى مىنىڭدۇر مىنىڭ،

 پىنھانغا يوشۇراي جانان بىلگىچە.

 سەك پارە بولساممۇ ئۇ ھېچ گەپ ئەمەس،

 تەبەسسۇم سۇنىمەن تاكى ئۆلگىچە.

 

كۆڭلۈمدە ئاپتاپسەن مىھىرلىك قۇياش،

 كۈلۈشۈڭ گوياكى سۈزۈك سەدەپ تاش.

 كۆزۈمگە تىكىلگىن كۆرۈشكەن چاغدا،

سۆيگۈمدىن تۆكۈلەر سېغىنىشلىق ياش.

 

تەسەللى سۆزۈڭگە مۇھتاجمەن شۇنچە،

 ئىچىڭمۇ ئاغرىسۇن قىينىما بۇنچە.

 كۆرگىلى كەپتۇ دەپ خوش بولغان ئىدىم،

 كۆرۈشمەي كىتىپسەن بوپتىمۇ سەنچە؟؟؟

 

 -----تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)

2016-يىلى8-ئاينىڭ 5-كۈنى(جــــــۈمـە)





221 قېتىم كۆرۈلدى tunsagul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-6 16:55:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ