گۈللەيلۇن - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

گۈللەيلۇن

ناخشا تېكىستى
ئېلىجان ئابدۇكېرەم  بارچۇق ئوغلى

كۆل بۇيدا قۇمۇشقا،
ئوتنى ياقسام كۈيەمۇ.
دىلغا ياققان گۈللەيلۇن،
كۆيگۈنۈمنى بىلەمۇ.

گۈللەيلۇن نىڭ باغدا،
پىشىپ قاپتۇ ئالمىلار.
گۈللەيلۇننى ئويلىسام،
دىلغا تولار ئارزۇلار.

گۈللەيلۇن ئوتۇڭ يامان،
دەرتلىرىڭ ئوتتىن يامان.
ۋېسالىغا يەتمەككە،
يۈرەكىمدە بار ئارمان.

ئاي ئاسماندا گۈللەيلۇن،
سەن يەردىكى يالغۇز ئاي.
يۈرەكتىكى ئارمانلار،
چىچەك ئاچماس سەن بولماي.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127

     





23 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-19 11:50:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ