ئالىم (بوران ) ئەپەندىمگە
نۇرمۇھەممەت مۇسا
ئەلنى دەپ ئۆز ئىشىنى قويۇپ قويۇپ ،
يوقاتقاننىڭ دەردىنى كۆڭلى تۇيۇپ .
ئەلنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى ،
سەبىلەرنى ئىزلەيلى دەپ توپ قۇرۇپ .
پىتنىخورلار گەپ تاپسىمۇ توزاق قۇرۇپ ،
تەۋرەنمىدى ھەق يولدا مەزمۇت تۇرۇپ .
كۈن نۇرىنى ئېتەكتە ئېتىپ بولماس ،
بارچە قايىل بولدى مانا ھەقنى كۆرۈپ .
بۇندىن ئون تۆت يىل بۇرۇن يۈتكەن سەبى ،
جىمىپ كەتكەن سۇغا چۈشكەن تاش كەبى .
شۇندىن بىرى قەلىبى يارا، گومۇش ئانا .
نە ئۇيقا يوق ،نە تاماقنىڭ يوق تەمى .
تىلەكلىرى ئىجابەت بوپ ئانىنىڭ ،
قەلىبلىرى لال بوپ غەمخانىنىڭ .
پاك نىيەتلىك كىشىلەر قولى بىلەن ،
ۋىسالىغا يەتتى شۇ بالىنىڭ .
ئالەمشۇمۇل ئۇلۇق ئىشنى قىلغان كىشى ،
دەل بىز ئېيتقان ئۈشبۇ توپنىڭ سەركەردىسى .
دىلى سۇنۇق دەتمەنلەرگە ھال مۇڭ بولۇپ ،
خەلىقىگە يەنە كۆپ ئىش قىپ بەرگۈسى .
دەيمەن سىلەر زامانىمىز ئۈلگىسى ،
جار سالىمەن بارچە خەلق بىلگۈسى !
خالىسانە قىلغان ئەجىرىڭلاردىن ،
يارا بولغان مىسكىن دىللار كۈلگۈسى !
نۇرمۇھەممەت مۇسا
2016-11-4
3451 قېتىم كۆرۈلدى |
نۇرمۇھەممەت مۇسا |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-11-5 18:41:25 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-30 20:35:58 |
妈妈的爱 |
ناھايىتتى ياخشى مەدىھىلەر بوپتۇ، مانا مۇشۇنداق ئوغلانلرىمىزنى مەدىھلەپ تىخىمۇ كۆپ شئىرلارنى يىزشىڭلارنى ئۈمۇد قىلمەن. |
2017-3-20 6:19:24 |
ئايشەمگۇل مەمەت |
بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز بوران ئەپەندىمگە مەن تولىمۇ قايىل،بوران ئەپەندىم سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى بارلىق ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،بىز ھەممىمىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز |
2017-3-9 16:03:20 |
ئابدۇراخمان |
ھەقىقەتەن جاپا چەكتىڭىز بوران ئاكا ،ئىگىمىز ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ،سالامەت بولۇڭ ! |
2017-1-25 8:14:01 |
رەيھانگۇل مەكىت |
ئەل غىمىنى يىگەن ئوغلان ياشنىسۇن !!!!!!!
ئالىم ئاكا ئىشلىرىڭىز بەكمۇ خەيىرىلىك
ھەر قاچاندا ئەل غىمىنى يەپ ماڭدىڭىز
پەرۋا قىلماڭ پىتىخورنىڭ غەيۋىتىگە
ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى ھەر قەدىمڭىز
|
2016-12-16 2:17:32 |
kuxkax |
مېھرى ۋاپا دىلدىن كەتتىمۇ؟
ساداقەتنىڭ شامى ئاقتىمۇ؟
نېمە دېگەن كۈچلۈك بوران بۇ
بالا ئوغرىلاپ بىرى قاچتىمۇ
|
2016-11-9 14:48:25 |
نۇرمۇھەممەت .مۇسا |
ئابدۇرىشىت :
بىلمىدىم ئويۇننى ئوينىغاندۇ كىم ؟،
سۆزىڭىز مۇددىئا نىمە بىلمىدىم ؟.
سۆزىڭىز ئېيتىلغان كىمگە قارىتىپ ؟،
شۆھرەتكە ئىنتىلغان كىمدۇ زادى كىم ؟💔💔💔
|
2016-11-8 16:07:00 |
ئىسمىم ئاپا |
ئالىم ئەپەندىنىڭ ياخشى ساخاۋەتلىك ئىشلىرىدىن ھەممىز سۆيۈندۇق، پىتنىخورلار يەنىلا ئاز ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىم ئەپەندىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. |
2016-11-8 14:41:09 |
ئابدۇرېشىت |
بەزىلەر بەك ئۇستا قويۇشقا ئويۇن ،
ئىشلىرى مىسالى چىققاندەك قۇيۇن.
نام-ئاتاق قوغلۇشۇپ چاپدۇتىنماي،
ھەق گەپنى سۆزلىسەڭ تولغايدۇبويۇن. |
2016-11-8 8:41:29 |
ياسىمەن |
ھەقىقەتەن ياخشى تەرىپلەپسىز. ئالىم ئەنۋەر (بوران) ئەپەندى قىلۋاتقان ئىشلار ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. |
2016-11-7 20:23:11 |
يۈسۈپجان يولۋاس |
بۇ شېر بەك ياخشى بوپتۇ رەخمەت سىلەرگە |
2016-11-7 19:44:46 |
پەرھات |
بەك ئىسىل |
2016-11-7 19:40:46 |
007 |
بۇ تىما ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ!!👍👍👍 |
2016-11-7 17:58:52 |
رۇقىيە |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بارىكاللا |
2016-11-7 16:59:37 |
قومۇل قىزى |
بەكلا ياخشى يېزىلغان ئىككى |
2016-11-7 16:47:28 |
ئاق گۈل |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ .پەخىرلىنىمەن مەن سەندىن ئۇكام ئەقلىڭ زىيادە بولسۇن .قوللىرىڭغا دەت كەلمىسۇن .💪💪💪💪 |
2016-11-7 16:43:55 |
ئىزھارخان |
ياشاڭ بوران ئاكا |
2016-11-7 16:36:35 |
ئەمەتجان |
ئالىم بوران ياشسۇن |
2016-11-7 16:29:29 |
ھەزىرىتى ئەلي |
ياخشى يىزىلىپتۇ |
2016-11-7 12:46:22 |
ئەلىجان ۋاھاپ |
قېرىدىشم نۇرمۇھەممەت مۇسا سىز ھەققى شائىر ئىكەنسىز ،شائىر دىگەن مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچلارنى مەدھىيەلىشى كېرەك ، قولىرڭىزغا قەلمىڭىزگە دەت تەگمىسۇن ، |
ئىنكاس يېزىڭ