ئىھ قار مەن ساڭا مەپتۇن بولدۇم - ئابدىرشىت ئابدىجاپپار

 ئىھ قار مەن ساڭا مەپتۇن بولدۇم
ئا ، ئەپەندى  (ئابدىرشىت ئابدىجاپپار)

چۈشۈۋاتاتتى  سىرتتا  ئاپئاققىنە قار،
مۇڭلاندۇردى كىشىنى لىرىككىنە  ساز،
ئويلۇنۇپ خىيالغا پىتىپ قالدىم بىر ئاز ،
ئىھ قار مەن ساڭا  مەپتۇن بولدۇم ،

گىلىمدىن سىققاندەك بولدى ئۆتمۈشۈم ،
سەن گۇۋاھ يار بىلەن يۈرگەن كۈنلىرىم ،
ھەسرەتتە قىينىلىپ  ئۆتكەن تۈنلىرىم ،
ئىھ قار  مەن ساڭا مەپتۇن بولدۇم ،

سۆيگۈدىن قۇرۇلغان  ئىدى گۈلىستان ،
ئەمدى رەت قالغىنى پەقەتلا پۇشايمان ،
يۈرۈگۈم ھىس  قىلماس ئەسلا زىمىستان ،
ئىھ قار مەن ساڭا مەپتۇن بولدۇم .

2016/11/28    ئۈرۈمچى
     





63 قېتىم كۆرۈلدى PinHan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 15:02:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-2 1:22:15 ئ‍ايفەم
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،مەن بەك ياختۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ