تېلىفۇن - بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئانا ناملىق شېئىرىگە ئاساسەن يېزىلدى

تېلىفۇن

 

بىر يىلغا ئۇلاشتى،

 تېلىفۇن ئېغىرلاشتى،

 تونۇمايدۇ،

 بەزىدە چەككەننى چېكىلىدۇ،

 باشقا بىر يەر باشقا بىر يەرنى چەككەندەك.

 بىر ياز،

 بىر كۈز،

 بىر قىش،

 بىر ئەتىياز ئۆتۈپ كەتتى،

 ئىكراننى توختىماي چېكىپ.

 ئۆتۈپ كەتتى  سۇدەك ئەمدى

 تىزلىكى يوق بۇرۇنقىدەك.

 

 قېتىپ قالار گۆشىيىپ تۇرار سەن،

 تەگمىسەڭ بىر كۈن كۆڭلۈڭ يېرىم بولار،

 كۆزۈڭگە ياش كېلەر،

 كىچىك بالىدەك.

 ھەي ھېچ ئىشىڭ ئاقمىدى،

 ئەمدى روھىڭ چكەتكەندەك.

 تېلفۇن نازۇك نەرسە،

 كۆتۈرەلمەس ئېغىرنى،

 سۇ مسقال تۆمۈرنى كۆتۈرەلمىگەندەك،

 شۇڭا تاشلىما ئۇنى،

 ئۇنۇتما،

 ئۇنى سىلا،

 تاتلىق بىلەن

 ئاچچىق-چۈچۈك بىلەن ئېيىتقىن،

 سۈرىتكىن.

 توكى بولمىسا توك قاچىلا،

 قېپى  بولمىسا قاپ  سال.

 تور كەسپىنى ئېچىپ قوي،

 ناخشىلارنى چۈشرىپ قوي،

 ئويۇنلارنى قاچىلاپ قوي،

 سىستىمىسنى يېڭىلاپ قوي،

 شۇنداق قىلساڭمۇ سەن ئۇنىڭ قۇلى،

 بولغىنڭ بولغان بولۇپ پاي پىتەك.

 

 ئۇ بولمىسا ،

سەندە قېنى،

مەندە قېنى،

ھەر كۈن،

 ھەر سائەت،

 ھەر مىنۇت،

 ھەر دەقىقە كۆتۈرۈلگەن بىزنىڭ قولۇمىزدا،

 چ چ ئويناپ،

 ئۈندىدار ئويناپ،

 كىنو كۆرۈپ،

 ناخشا ئاڭلاپ،

 تۇيۇقسىز توكى تۈگىسە،

 چاقماق چاققاندەك،

 بوران گۈكىرگەندەك،

 بىز ئۇنىڭ ئانسى ئاتىسى ئىدۇق،

 بۈگۈنى ئەتىسى ئىدۇق،

 بىز ئۇنىڭ قارىماققا باشلىقى ئىدۇق،

 ئوغۇل بولۇپ،

 قىز بولۇپ بىز ئۇنىڭغا قۇل بولدۇق.

 

 ۋاقتىمىز كىتەر،

 ئۇيقىمىز قاچار،

 كۆز نۇرىمىز،

 پۈتۈن زىھنىمىز ئۇنىڭدا ئىدى،

 ئۇنىڭدا خۇددى ئېكراندىن ئالتۇن چىقدىغاندەك،

 ئىنسان ھەم ئەقىللىق بولار،

 ھەم نادان.

 كۆيەر تېلفۇنغا،

 كۆيمەس ۋاقتىغا.

 ۋاقىت ئالتۇن چىڭ تۇتقانغىلا،

 سىنى توختىماي ئوينىسا دەيدۇ،

 قولۇڭدىن چۈشمىسەم دەيدۇ،

 مېنى يېڭىلىسا دەيدۇ،

 شەخسىيەتچى ئۆزىنىلا ئويلىغاندەك.

 تاپساڭ

بىر مىنۇت ۋاقىت

بىر مو پۇل

 بىكار قويغۇسى كەلمەس.

 ۋاقىتنى ئۆزىگە ئشلەتسە دەيدۇ،

 پۇلنى ئۆزىگە خەجلىسە دەيدۇ،

 ھەممە ئۆزىگىلا چوغ تارىتقاندەك.

 

 بىر يىلغا ئۇلاشتى،

 تېلفۇن ئېغىرلاشتى،

 ئېكرانى چېقىلغان،

 توكنى ساقلىمغان،

 ئتتىك قىززىيدۇ،

 چەكسە ئشلىمەيدۇ،

 لېكىن قولۇڭدا تۇرغىسى كىلەر.

 ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلغۇسى كىلەر.

 سېنى كونتىرول قىلغىسى كىلەر.

 باشقۇرغسى كىلەر.

 سېنڭ باشلىقڭدەك.

 يەر ئايلىنار

 ۋاقىت ئۇچار

 ھەممىنڭ قولىدا بىردىن تېلفۇن تۇرار

 شۇنداق ئوينايدۇ بارچە……

 كىچىكلەرمۇ ياشلارمۇ ياشانغانلارمۇ ...

(بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئانا ناملىق شېئرىگە ئاساسەن يېزىلدى)

 2015-8





669 قېتىم كۆرۈلدى زىننەتگۇل ئەنىۋەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-23 11:48:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-14 9:02:11 كارۋان
بەك ياخشىى يىزلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ