سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
سۆيۈپ ياشاي بىركۈن بولسىمۇ،
گەر جانانىم بىلمەس بولسىمۇ،
سۈكۇتلەرنى قىلمىغىن ئەمدى،
سەنمۇ سۆيگىن،بىركۈن بولسىمۇ.
سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
بىلىپ تۇرۇپ سۆيمەي تۇرسىمۇ،
جاراھەتتىن يىغلايدۇ يۈرەك،
سۆيۈپ تۇرۇپ سۆيەلمىسىمۇ.
سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
ۋۇجۇدىدا سۆيگۈ بولمىسىمۇ،
سۆيۈلىشنى قەدىرلە جېنىم،
يۈرەگىڭ تاش،سەزمەس بولسىمۇ.
سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
ئەزرائىللار چەكلەپ تۇرسىمۇ،
ئۈمۈدۈم شۇ،سۆيىمەن ئەبەد،
سۆيگىن جانىم سۆيەلمىساڭمۇ.
سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
يۈرۈگۈمنى تىلغاپ كەتسىمۇ،
قىزىل گۈللەر تۇتىمەن مەڭگۈ،
ئەجەل شۇنداق كۈتۈپ تۇرسىمۇ.
سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
سۆيۈشلەرنى ئۇنتۇپ كەتسىمۇ،
ئۈمىد كۈتتۈم ئەبەدكە جېنىم،
يۈرەگىڭدىن چىقىپ كەتسەممۇ.
سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
نەپرەتلىنىپ،زارلاپ تۇرسىمۇ،
يۈرەگى تاش بولسىمۇ ئۇنىڭ،
گۈللەر سۇناي،سۆيەلمىسىمۇ.
سۆيۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
سۆيۈلۈشنى بىلەلمىسىمۇ،
ئىشىنىمەن سۆيىدۇ بىر كۈن،
شۇنچە بىزار بولغان بولسىمۇ.
77 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 9:27:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|