شەيتان تور
شەيتان تور 

www.yazghuqilar.com

تۇنجى ئاشقاندا تور سىنى ،
 گۈزەل باھار پەسلىدە .
 ئۇنتالمىدىم مەن سىنى ،
 ئامراقكەنمەن ئ‍ەسلىدە .

  گاھى ئ‍وچوق تۇرىسەن ،
 گاھى تاقاق تۇرىسەن .
گاھى تىخى مەن ئۈچۈن ،
 ياخشى ھەمراھ بۇلىسەن .

  كىلەر سەندىن كۆپ ئ‍ۇچۇر ،
 ھىكمەت بۇلاق ئ‍ۆزى سەن .
گاھى تىخى ماز ئ‍ۇچۇر ،
قۇرۇق گەپكە تولىسەن .

  بىلەلمىدىم سىرىڭنى ،
 ئۈزەلمىدىم مىھرىمنى .
مىنى قىلدىڭ ۋەيرانە ،
 كۆرسىتىپ رەزىللىكىڭنى .

  قالدىم ھەجەپ يىگانە ،
 يۈرۈپ تورنىڭ قەستىدە .
 شەيتانمۇسەن، ئ‍ۈن دىدار ؟
 نامىڭ نىمە ئ‍ەسلىدە ؟

 ئاپتۇرى : سەبىر  ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى
 2015.يىلى 9.ئاينىڭ 28.كۈنى 
 ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۈرمەت قىلىڭ !




151 قېتىم كۆرۈلدى ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 15:28:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-2 13:59:12 مەرفۇ
ياخشى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ