يىغلاڭغۇ يۈرەك
ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك
سوغۇق كېچە مۇزلىغان دۇنيا،
ئاي چاچىدۇ نۇرىنى سوغۇق.
يىغلىماقتا بەلكىم بىريەردە،
بىر كىملەرنىڭ يۈرىكى بۇغۇق.
ئېيتىپ بەرمەس قۇشلارمۇ ناخشا،
ئازابلارغا بولسىمۇ سىزىك.
جىمجىتلىقنى بۇزماستىن پەقەت،
تىنغۇڭ كېلەر شۇنچىلىك يېنىك.
سوغۇق شولا سۆيەر زېمىننى،
بىلىنىدۇ تاتلىق چۈش كەبى.
گۇڭگا نۇردا گۇڭگا خىياللار،
ئەقىدىدەك چىن يەنە سەبىي .
ھايات شۇنداق ئېتىدۇ داۋام،
كۈلكە ئۆچكەن يىغىلا قالغان.
رىئاللىقىڭ بولسىمۇ ئاچچىق.
مەڭگۈ دېگەن قەسەملەر يالغان.
2016-يىلى 18-ئۆكتەبىر يۇرتى قاراقاش
95 قېتىم كۆرۈلدى | xahturk666 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-18 23:21:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|