قەسەم ئىچكەنمۇ
زۆھرە ياقۇپ ئۈستىقۇددۇس
كۆڭلۈم قالدى سەندىن ئەزىزەم،
رايىڭ يوقمۇ ئەھۋال سوراشقا؟
بىتاپ بولۇپ ياتسام مەن ئۆيدە،
ۋاقتىڭ يوقمۇ كىلىپ قاراشقا؟
كۈندە شۇنداق ئالدىراشمۇسەن،
كۈنلەپ-كۈنلەپ ئىزدەپ قويمايسەن،
يالغۇز بولسام مەيلىتى ئەسلى،
ئوغلىمىزنى ئويلاپ قويمامسەن؟
سەندىكى بۇ تاشمۇ يۈرەكمۇ ،
سېغىنمامسەن ياكى قەستەنمۇ،
تىلفۇن ئۇرسام ئالدىراش دەيسەن ،
ئىزدىمەسكە قەسەم ئىچكەنمۇ ؟
| 140 قېتىم كۆرۈلدى | زۆھرە ياقۇپ ئۈستىقۇددۇس | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-9-27 10:09:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|