مۇھەببەتتە بەخىت دېگەن شۇ
ئېھتىيار يارمۇھەممەد
سۆيەلىسە بىرسىنى يۈرەك,
بار مېھرىنى ئاتاش كېرەكقۇ .
سەن كۈتكەندەك كۈتسە سېنىمۇ ،
مەن ئىيتىمەن بەخىت دېگەن شۇ .
ئويلاپ تۇرسا يىراق تۇرسىمۇ،
يۈرەككە لىق ئازاپ تولسىمۇ.
گاھى شۇنداق دەرتتە قويسىمۇ ،
مەن ئىيتىمەن بەخىت دېگەن شۇ .
كۈلكە بىلەن ئۆتەمدۇ ھايات ،
شادلىق -قايغۇ ئۇ بىر جۈپ قانات.
يۈرسە كۆڭۈل كۆڭلنى ئاياپ ،
مەن ئىيتىمەن بەخىت دېگەن شۇ .
باش قويغۇدەك بولسا بىر مۈرە ،
پەقەت بىرنى سېغىنىپ كۈندە .
ئۆتسە ھايات شۇنداق سۆيگۈدە ،
مەن ئىيتىمەن بەخىت دېگەن شۇ .
يىغلاتقىنى كۈلدۈرەر ئۆزى ،
نە مۇھەببەت بىلدۈرەر ئۆزى .
بىل ھەممىگە كۆندۈرەر ئۆزى ،
مەن ئىيتىمەن بەخىت دېگەن شۇ .
يەتكىچە بىر نىشان مەقسەتكە ،
چىن پۈتمىسە ئارتۇق غەيۋەتكە.
سەۋەپ كەتمەس چىن مۇھەببەتكە ،
مەن ئىيتىمەن بەخىت دېگەن شۇ .
شىنجاڭ ئونۋىرسىتى تىل ئىنستىتۇتىدا
| 119 قېتىم كۆرۈلدى | tarki | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-14 1:44:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|