ئۇۋالىغا قالما يۈرەكنىڭ - مېھىرنىسا قۇربان

ئۇۋالىغا قالما يۈرەكنىڭ

مېھىرنىسا قۇربان

تەنھا قويدۇڭ كۆيگەن يۈرەكنى،
خالىمايتتى سەندىن بۆلەكنى.
ئۈمىدلىرى ئۈزۈلمەي يەنە،
تىلەپ قالدى قۇتلۇق تىلەكنى.

تاشلاپ كېتىپ ئاھ،ھەجەپ قىلدىڭ.
بۇ يۈرەكنى ئەرزىمەس بىلدىڭ.
لەختە بولدى قانلىرى ئېقىپ،
خەنجەر بولۇپ باغرىنى تىلدىڭ.

يولغا قاراپ كۈنى  ئۆتەتتى.
ئۈمىد قىلىپ سېنى كۈتەتتى.
ئۇۋالىغا   قالما   يۈرەكنىڭ،
بىلسەڭ ئىدىڭ دىلدىن سۆيەتتى.

ئۇ كۈتمىگەن بۇنداق كۈنلەرنى،
ئۆتكۈزدىغۇ يىغلاپ تۈنلەرنى.
چىن مۇھەببەت سۆيگۈسى ئۈچۈن،
ئارمان قىلغان خوشال دەملەرنى.

سەن كەلمىدىڭ ئوتلىرى ئۆچۈپ،
كەتتى ھەتتا كۈللىرى كۆچۈپ.
ئەجەل تونى كىيىپ قالسا ئۇ،
بۇ دۇنيادىن كەتمەمدۇ يۈتۈپ.

2016-11-28 غۇلجا شەھىرى

     





123 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 0:10:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-2 17:09:42 رەجەپ
يارايسىز تىخىمۇ ياخشى ئ‍ەسەرلەرنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ