ئامان بول يايرىم
تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
سەن مېنىڭكى بارلىقىم بەختىم ،
رىشتىم ئۈزۈلمەس ئۆمۈرلۈك گۈلۈم.
كۆزلەر يۇمغۇچە سادىق ھەمراھىم ،
سالامەت بولغىن ئامان بول يايرىم.
تاتمايدۇ كۆڭلۈم سەندىن ئۆزگىگە،
ئىشەنسەڭ قەلبىم سادىق يۈرەككە.
كۆڭلۈم سەندىلا تاتلىقىم بەختىم ،
خۇشال ياشىغىن ئامان بول يايرىم.
سەندە ۋاپا مەندە ساداقەت ،
بولسىلا گۈلۈم بەخىت سائادەت.
سەن مېنىڭكى بارلىقىم بەختىم ،
مەن بارغۇچە ئامان بول يايرىم .
سېغىندىم سېنى تاتلىق سۆزۈڭنى ،
ئويناتما ياتقا شەھلا كۆزۈڭنى .
ئازاپ چەكمىسۇن مېنىڭ يۈرەگىم،
مەۋلۇت كۈنگىچە ئامان بول يايرىم .
كېلىدۇ ھامان مۇبارەك كۈنمىز ،
رىسقىمىز چۈشسە بولار تويىمىز .
باشلىنار تويدا ناخشا كۈيىمىز ،
كەلگۈسى ئۈچۈن ئامان بول يايرىم .
ئاپتۇرى باي خەلىق ئوغلانى تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ
ئىشلەتسىڭىز ئاپتۇر بىلەن ئالاقلىشىڭ
ئاپتۇر ئۈندىدار تېلفۇن 13150331763
2017 - يىلى 3- ئاي
ئۈرۈمچى شەھرى
| 67 قېتىم كۆرۈلدى | majnuntal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-10 8:02:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|