ھەسرىتىم قالدى
ئەي جانىم نىگارىم دەردلىرىم قالدى.
يۈرەكتە كۆمۈلگەن گەپلىرىم قالدى.
مۇساپىربولدۇممەن ۋىسال قەستىدە.
ۋىسالغا يېتەلمەي ھەسرىتىم قالدى.
سىز زۆھرە مەن تاھىر مىسالىدۇر مەن.
ئىشقتا كەچكەن دەريالىرىم قالدى.
پىنھاندا پىچىرلاپ يۈرۈيمەن يالغۇز.
دەرد تۆكمەك قىيىنكەن مۇڭلىرىم قالدى.
كۆيدۈممەن پىراقتا قىلدەك تولغۇنۇپ.
خۇمداننىڭ ئوتىدەك يانغىنىم قالدى.
ئىشىقنىڭ يولىغا ئات چاپقان ئىدىم.
چۆللەردە چاڭقىغان ئاتلىرىم قالدى.
يۈگۈردۈم قوغلىدىم لېكىن يېتەلمەي.
ئارقىدىن تەلمۈرۈپ ئىزلىرىم قالدى.
ئىللىق شۇ باھاردا قوغلىغان ئىدىم.
يېتەلمەي قىش كەلدى باھارىم قالدى.
تېشىلدى كۆزلىرىم قاراپ تەلمۈرۈپ.
قان ياشقا تولغان شۇكۆزلىرىم قالدى.
بىر بۇلاق پۈتەتتى ئاققان ياشلاردىن.
بۇلاقتەك قاينىغان ياشلىرىم قالدى.
سىزدىلا ئىسيادىم كېچەيۇ كۈندۈز.
قەلبىمنى چىرمىغان ھېسلىرىم قالدى.
ئۆزەممۇ بىلمىدىم ئەقلىم يوقالدى.
سەۋدايى بۇلۇپ ساراڭلىغىم قالدى.
ئۇيقۇ يوق كۆزلەردە سىزنىلا ئويلاپ.
كۆرگەن شۇ شىرىن چۈشلىرىم قالدى.
نالەلەر قىلدىممەن ساڭلا تەلمۈرۈپ.
سىنى ساقلىغان ئىزلىرىم قالدى.
ئۇنۇتما مىنى دىدىم زارلاندىم.
نە چارە قەلبىمدە زارلىرىم قالدى.
ئىخلاس ھەم ئەقىدە باغلىغان ئىدىم.
ساڭلا شۇ ئىشەنگەن ئىخلاسىم قالدى.
خارلىقتا يۈرىمەن تېنەپ تەلمۈرۈپ.
مەن غېرىب گاداينىڭ خارلىقىم قالدى.
يا ھېرىپ يا قېرىپ توختارسىز بىر كۈن.
شۇ چاغدا يېتەي دەپ ئارمىنىم قالدى.
قولۇمدىن كەلمىدى باشقا تەدبىرلەر.
دەردلىرىم پۈتۈلگەن شېئىرىم قالدى.
ئۇنۇتما دىدىمغۇ تاتلىق ئاشىقىم،
تايىردىن زۆھرەگە نىمىلەر قالدى.
زەينەپمۇ چاقىرار جۈپتى كاككۇكنى،
نە ئىلاج ئۇلانىڭ ئاۋازى قالدى .
ئەي غېرىپ سەننەممۇ شۇنداق ئاشىقتى،
دۇنيادا، ئۇلاغا نىمىلەر قالدى .
لەيلىمۇ چاقىرار مەجنۇنى سوراپ،
ئۇلارمۇ ئاخىرى ۋىسالسىز قالدى .
مەن كىمتىم ئۇلار ئالدىدا،
سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەسلىمەم قالدى .
ئاشىق مەن ساڭلا ئاخ كۈڭۈل يايرىم،
ئاي كەبى غۇۋالا كۆرگىنىم قالدى .
ئىسىمدە ھېلىمۇ تۇنۇشقان كۈنلەر،
مۇڭدىشىپ تۈگمەس پاراڭلار قالدى .
دىگەنتىڭ ئاشىقىم بىرگىلا سادىق،
ئات مىنىپ پىيادە قايتقىم قالدى .
كۈڭۈللۈك ئۈتەتتۇق تاقاقمۇ يىمەي،
شۇ شىرىن ئەسلىمە خىللا قالدى .
2016-10- 20-كۈنى تۈن كېچە
ئاشىقىنى سېغىنىپ ئۇيقىسىز قالدى
💘💘💘💘💘خان💘💘💘💘
48 قېتىم كۆرۈلدى | خان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-20 15:51:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|