سېغىنغانمۇ يۈرىكىم سېنى

         سېغىنغانمۇ يۈرىكىم سېنى
ئابدۇرازاق (شەمئى)
قىياقلارنىڭ يۈزىدە شەبنەم،
ياشقا تولغان بۇلاقنىڭ كۆزى.
مۇز تاغلاردا قاتقان تەبەسسۇم،
ئەسكە سالدى نىگار يۈزىنى.

سۇنايلىنىپ ياتقان دەرەخلەر،
باش ئېگىشىپ تۇرىدۇ تاشقا.
سېغىنغانمۇ يۈرىكىم سېنى،
كىرپىكلىرىم چىلاندى ياشقا.

خوش يېقىملىق بۇلبۇلنىڭ ئۈنى،
غېرىب دىلغا بېرىدۇ  ھوزۇر.
ئېچ باغرىمنى تىلغايدۇ ھەسرەت،
كۆرۈنۈشتە بولساممۇ مەغرۇر.

2017.6.5
تاشقورغان

     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589



     






424 قېتىم كۆرۈلدى abdurazak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-6 21:41:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ