ئۈگەنگىن سەن - ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم

ئۈگەنگىن سەن

 
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
ئۈگەنگىن سەن ھاياتنىڭ مەنپەتى شۇ ئۈگۈنۈش،
بارچە جانان خۇشپۇراق، مىھرىبانىم ئۈگۈنۈش.
ئۆستۈرۈشتۇر كۆڭلى يۇمشاق تاتلىقلار ئىشىنى،
ياق دىيىشكە يوقتۇر ئامال، شۇئارى ئۈگۈنۈش.

ئۈگۈنۈش ھەققى باردۇر ئادىمىنىڭ ئۈستىدە،
كەلگۈسى پارلاق ئۇنىڭ، نۇرلۇق چىراغ ئۈگۈنۈش.
نۇر چىچىپ مەشئەل بۇلۇپ ئۇ،زوق بېرەر ئادەمگە،
ئۆستۈرۈشنىڭ گۈلزارى ئۇ، ئۈلگۈسى ئۈگۈنۈش.

ئىنسانى قىممەت شۇندا، قۇدۇرىتى ئۈگۈنۈش،
كۆر تاماششە قۇدۇرىتى ئۇ، كامالى ئۈگۈنۈش.
بۇ بۈيۈك قۇدۇرەتنى تاپقان ئىنسان ئەقلى ئۇ،
چىن ھەقىقەت،ئادالەت، گۈزەللىكتە ئۈگۈنۈش.

بۇ بەخىت نئمەتنى بىلسە بۇلار ئۇلۇق ئىنسان،
ئۈگەنگەندە تاپار شۇ شانى-شاۋكەتنى ئىنسان.
ئۈگەنسەڭ ھاسىل بۇلۇركى ئۇندىن شېرىن بۇلاق،
ھېكمىتى باغۋەن ئۈچۈندۇر گۈلزارى ئۈگۈنۈش.

سايرىسا بۇلبۇلى گۈلزارىدە خەندان ئۇرۇپ،
مۇھەببەت رىشتىسىدە چىن ئەقىدە ئۈگۈنۈش.
ئۈمۈتۋارلىق ۋەسلىدىن كۆرسەڭ يارنىڭ رىشتىنى،
بارچە يارنىڭ ئىخلاسى نىشانى شۇ ئۈگۈنۈش.

بۇلبۇلى شەيداسىغا تەگمە شۇندا بار رەقىب،
شۇ رەقىبنى يېڭىشكە گۈلباھارى ئۈگۈنۈش.
ئۈگۈنۈش گوياكى نەپەسنىڭ ئىككى جەريانى،
ساپ ھاۋادەك خۇشبۇي گۈزەلدۇركى شۇ ئۈگۈنۈش.

بۇ ھاۋا كەلسە ئەگەر، قارا بۇلۇتلار كېتەر،
بۇ ھېكمەتكە ئىنتىلەر ھەركىملەردە ئۈگۈنۈش.
ئۈگۈنۈشكە پىدا بولسۇن مىڭ جانلار ئۈگۈنۈش،
جان ساقلىماقنىڭ ئۆتكۈر قورالىدۇر ئۈگۈنۈش.

بەلكى تېبابەت بۈيۈكتۇر بېرەركى ساغلاملىق،
گۈزەل ئىخپال ئۈچۈن يۈكسەك قورالدۇر ئۈگۈنۈش.
پۇشايمان بولدى دۈشمەن، مەندە بولماي ئۈگۈنۈش،
ئۆتتى ئۆمرىم كۈلدەك،كەتتى پۇرسەت يوق ئۈگۈنۈش.

نە نۈچۈك توسقان رەقىبلەر، قەدىرىگە يەتمەي،
بارلىق ياخشىلىقنىڭ قەدىردانى شۇ ئۈگۈنۈش.
بەلكى بىلسەڭ دەتكە تولغان شۇ ئۆتمىشىڭنى بىل،
ئەسلىتەر ،قولغا ئال،قەدىردان كىتاب ئۈگۈنۈش.

ئەمدى كەلدى گۈزەل دەۋران ، ھەممىدە ئۈگۈنۈش،
تەرەققىيات مۇقۇم بولدى بىل شۇڭا ئۈگۈنۈش.
شەرىقتىن چىقسا شامالمۇ بولدى شۇنداق رۇشەن،
كەلدى شۇنداق نەۋ باھار خۇشپۇراقتۇر ئۈگۈنۈش.
 
- شىپائى
 2016-يىلى ئۈندىدار:13999215195




92 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-15 11:47:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ