ئەپۇچان بولۇڭ
نەسىر
ئاجىزلار ئەپۇنى بىلمەيدۇ ، ئەپۇچانلىق كۈچلۈكلەرنىڭ ئىشىدۇر ! ــــــ گەندى
ئەمەلىيەتتە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنىڭ ئۆزى - ئۆزىنى كەچۈرۈش دېمەكتۇر . ئەپۇ قىلمىسىڭىز ، قەلبىڭىزدە ئۆچمەنلىك ، نەپرەت ئۇرۇقلىرى بىخ سۈرۈشكە باشلايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، بۇ بىخلار يوغىناپ ، پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ئۆچمەنلىك ، نەپرەت بىلەن چەمبەرچاس قىلىۋېتىدۇ ، گۈزەللىكنى كۆرمەس ، ھېس قىلماس بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن . ھەتتا ۋاقتىدا بايقىمىسىڭىز ، مۇمكىنلىكتىن ئېشىپ ، سىز ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن . مۇبادا ، سىز ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدىڭىز ، ئەركىن نەپەس ئېلىشمۇ سىزگە تەس توختىشى مۇمكىن . سىز بارا-بارا ئۆچمەنلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىسىز ، بۇ چاغدا سىزگە ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ . شۇڭا ، ئەپۇچان بولۇڭ ، ئۆزىڭىزنى كەچۈرىۋېتىڭ ، باشقىلارنىمۇ كەچۈرىۋېتىڭ .
مۇنداق بىر كىچىك ھېكايە بار : نېلسون ماندىلا (جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئىرقى زۇلۇمغا قارشى تۇرغۇچى ئەركىنىلىك جەڭچىسى ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك نېگىر زۇڭتۇڭى، دۆلەت ئاتىسى ) 27 يىل تۈرمىدە ئازاپ تارتىدۇ . ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئازاپلىغان ئۈچ گۇندىپاينى تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۈچ گۇندىپايغا ھۆرمەت بىلدۇرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەم ھەيرانلىق ئىچىدە ماندىلا زۇڭتۇڭغا قارايدۇ . ماندىلا :« مەن كامىردىن چىققان ، ئەركىنلىككە تۇتىشىدىغان تۈرمىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاتلىغان ۋاقتىمدىلا ، ئۆزۈمنىڭ ئازابىنى ، نەپرىتىنى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەكلىكىنى ، بولمىسا ئۆزۈمنى يەنىلا تۈرمىگە قامايدىغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم » دەيدۇ . شۇڭلاشقا ، باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئەپۇ قىلغانغا باراۋەر. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆڭۈلسىزلىكلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . سۇڭا سىزمۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى بىلگەن كىشى باشقىلارنىڭمۇ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ئەمەسمۇ !
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
2017-يىلى 14-فېۋرال
| 61 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-12 15:04:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|