تىكەن ئۈستىدىكى قۇچقاچ - مەمەتجان باش كارۋان

تىكەن ئۈستىدىكى قۇچقاچ
مەمەتجان باش كارۋان

تىكەن ئۈستىدە،
تۇراتتى.
چىرايلىققىنە بىر قۇچقاچ.
خىيالىمنى نەققاشلىدىم،
خىياللىرىم ئېيتتىكى؛
قارىغىنا ئۇنىڭغا،
ئىنتىلگەن گويا بوستان ۋە ياكى گۈلشەنگە،
سەن نە ئۈچۈن شۇ قۇش كەبى؟
قىلماس ئەندىشە ۋە يا بولماس پەرىشان.
تۇرسىمۇ گەر تىكەن ئۈستىدە.
تىكەنلەر بىلگەندەك گويا.
يەتمەس ئاڭا قىلچىلىك زەرەر.
قارىماققا باسقان غەملەر،
يالغۇزلۇقتىن ئۆرتەنگەن تەنلەر.
كەلدى دىلدىن بىر خىتاب؛
سەنمۇ يالغۇز ئىدىڭ،
شۇ زامانلاردا، كۈن ۋە تۈنلەردە.
بۇ كۈن بۇ زامانلاردا ھەم.
مەن مىسالى شۇ قۇش كەبى،
قايتاي ئۆز دىلبىرىم، جانان كوچامغا،
يالغۇزلۇق قاپلىغان شۇ گۈزەل دۇنياغا.
بەلكىم،
شۇندا بىلىنەر ھايات تەمى.
     





78 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-17 13:27:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ