نىمىشقا
نىمىشقا؟!


شۇنچە كۈلپەت ياغدۇرساڭ باشقا،
 <ئ‍ۇ ئ‍ەمەس> دەپ يۈردۈم نىمىشقا؟
 پاك سۆيگۈمنى خارلاپ تاشلىساڭ،
 <سىناۋاتىدۇ >دىدىم نىمىشقا؟

 <ئ‍ۇنۇتقىن باشقىغا كۈيۈپتۇ> دىسە،
 قىزغىنىۋاتىدۇ ،دىدىم نىمىشقا؟
 تېشىمدا كۈلۈپ ئ‍ىچىمدە يىغلاپ،
 سىنى كۈتۈپ يۈردۈم نىمىنىمىشقا؟

 <كەلمەيدۇ بىھۇدە كۈتمىگىن> دىسە،
 رەدىيە بەردىم ئ‍ۆزگىگە نىمىشقا؟
 شۇنچە يىل ئۈتۈپ كەلمىسەڭمۇ سەن،
 ساراڭلارچە كۈتتۈم نىمىشقا؟

 كىلىدىغىنىڭنى ئ‍اڭلاپ بىراۋدىن ،
 چوڭ بازاردىن كىيىم ئ‍الدىم نىمىشقا؟
 باشقا يارنى قولتۇقلاپ كەلسەڭ،
 بەخىتلىك بول دىدىم يەنە نىمىشقا؟ !!! 

 ئەسسالامۇئەلەيكۇم يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ ئ‍ەزىز ئ‍ىشتىراكچىللىرى، مەندىن ھەممىڭلارغا سالام ۋە ئ‍الى ئ‍ىھتىرام، بۇ شېئ‍رىمنى 2005-يىلى تۇلۇق ئ‍وتتۇرا مەكتەپتە ئ‍ۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئ‍ارمان قىزى دىگەن ئ‍ىسىم بلەن شۇ چاغدىكى شەبنەم مۇنبىرىگە ئ‍ېلان قىلىنغان، مۇنبەرنى نەچچە ۋاقىتتىن سىرىتتىن زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئ‍ىدىم، بۈگۈن تىزىملىتىشقا سائ‍ىتى بوپتكەن، قۇرۇق كەلگىم كەلمىدى، تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ئ‍ايىماسسلەر،




109 قېتىم كۆرۈلدى asma0996 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-29 22:11:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ