خەير-خوش (شېئىر) - -مەردان بارات

خەير-خوش
               
 -مەردان بارات

سەبىيلىكتە چوڭ بولغان بالىلىقىم خەير- خوش،
.گۈدەكلىكتەچوڭ بولغان ئۆسمۈرلۈكۈم خەير-خوش،
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ دوستلار بىلەن ئويناشقان،
پېتىشالماي سوقۇشقان ساددىلىقىم خەير-خوش.

ئاق سۈت بېرىپ چوڭ قىلىپ مېھرىبانلىق ئۆگەتكەن،
جان بالامدەپ بىر قولىدا بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن،
كېچىدە يىغلاپ كەتسەم ئېغىر كۆرمەي ئىمىتكەن،
مېنى بېقىپ ئۆستۈرگۈچەقان تەرىنى تېمىكەن،
شۇ مىھىربان ئانامنىڭ باققىنىغا خەير-خوش.

مېنى پولاتتەك تاۋلاپ قەيسەرلىكنى ئۆگەتتى،
يەنە ماڭا سەۋرچانلىق كەڭ قورساقلىق ئۆگەتتى،
كىيىمى يىرتىلىپ كەتسە ئېغىر كۆرمەي تىكەتتى،
جان دادام تۇرمۇشقا قاراپ كۆڭلىدە مۇش تۈگەتتى،
شۇ ئەپۇچان دادامنىڭ باققىنىغا خەير-خوش.

 7ياشقا كىردىم مەن تويۇم بولدى ئەر بولىدۇم،
ئاتا ئانام جاپا چەكتى مەن ئۇلارغا قەرز بولدۇم،
ئۇلارنى مەن رازى قىلىمەن دەپ ئاللاھقا نالەسۇندۇم،
ئۆزۈمنىڭ خىيالىدا مەن ياراملىق بالا بولىدۇم،
ئاتا ئانامنىڭ تارتقان جاپاسىغا خەير-خوش.

مۇستەقىل بولۇپ ياشايمەن ئەمدى ھايات يولۇمدا،
ھەر خىل جاپا مۇشەققەتلەر يۈكلەنسىمۇ بوينۇمغا،
قەتئي بەل قويۇۋەتمەيمەن تىغ سالسىمۇ قوينۇمغا،
يانجىپ دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىمەن گەرچىقىلسا غورۇرۇمغا،
مەندىكى تۇرمۇشقا بولغان قورقۇنچقا خەير-خوش.

بەل چىڭ بولسا يول تۈز بولسا شۇ يېتەرلىك دەپتىمەن،
«بىرنى تاتە، كۆڭلۈم» دېسە كۆڭۈل ئاياپ كەپتىمەن،
جان جىگىرىم دېسە ئىشنىپ لاي پاتقاققا پاتتىم ھەم،
ماڭا زادى نېمە بولدى ئەلەم يۈتتۈم دەرد بىلەن،
مانا مۇشۇنداق قان قېرىنداش دوستلىرىمغا خەير-خوش.

سوسكىنىڭكى ئورنىغا، چىقتى ئەمدى تاماكا،
بۇلماقنىڭكى ئورنىغا سازسىزلىغان ھاراقلار،
ماڭا زادى نېمە كېرەك؟ كېرەكمىتى كەيپ ساپا،
بۇنداق قىلغىنىمنى كۆرگەن خۇدايىممۇ مەندىن خاپا،
ئاغىنىلىرىمگە ئىشەنگەن پوق كۆڭلۈمگە خەير-خوش.

ئالدىمدا تاتلىق سۆزلەپ كەينىمدىن تاتلايدىغان،
تۈگمىدەك ئىشنى قىلسام تۆگىدەك قاتلايدىغان،
ئالدىدا يوق بولىساملا ئەيىبىمنى يادلايدىغان،
ئەيىبىنى كۆرسىتىپ بەرسەم ئىنكار قىلىپ باتنايدىغان،
شۇ ئىسىل مىجەزلىك دوستلىرىمغا خەير-خوش.

جان جىگەر دوستلىرىم بار يىغامغا ئوينايدىغان،
كەتسە پۇل كېتەر دېسەممۇ يەنە سوراپ قانمايدىغان،
پاكىتى بىلەن تۇتۇۋالساممۇ يالغان سۆزلەپ ھارمايدىغان،
بىر كۈن سورۇن قىلىپ بەرسەم پۇل تۈگىگىچە سايرايدىغان،
دوستلۇق مېھرىنى بىلدۈرگەن شۇ دوستلارغا خەير-خوش.

ئەمدىلىكتە كىچىك تۇرۇپ قىزلار چۈشتى كاللامغا،
ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدىم ئوقۇتقان موللامغا،
سىلەر قانداق تونۇشقان دىسە نېمە دەرمەن بالامغا،
ھۆرمىتىنى قىلىپ قويسام تۇز سەپتە ھەم يارامغا.
كۆيۈمچان ھەم ۋاپادار شۇ قىزچاققا خەير-خوش.

پۇشايمىنىم يوق پەقەت ماڭا كەلگەن زۇلۇمغا،
مەن بىر ئەركەك تۈگەشمىدىم ئادا قىلىدىغان بۇرچۇم با،
مەسۇلىيەت مەجبۇرىيەت دەپ ئۆتەيدىغان رولۇم با،
باسقان ئىزدىن ساۋاق ئالدىم ئۇل سېلىپ بەردى يولۇمغا،
مېنى تاۋلاپ چىقارغان جەمئيەتكە خەير-خوش.

كىشى كۆڭلىنى ئاياپ خۇشاللىق تاپالمىدىم،
يا شۇ دوستلارغا ئوخشاش كۆز يۇمۇپ ماڭالمىدىم،
شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ دوستلىرىمنى ساتالمىدىم،
كاللام چاتاقمۇ ساقمۇ مەن ئۇلارغا ئوخشالمىدىم،
جەمىيەتتە يۈزى چوڭ شۇ دوستلارغا خەير-خوش.

شۈكرى مېنىڭ مۇشۇنداق ھايات كەچۈرگىنىمگە،
ئىچىم بەكلا ئاغرىيدۇ زايە كەتكەن كۈنۈمگە،
بۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق ياراملىق بولۇپ ياشايمەن،
ئازمايمەن گەر خۇمسىلا تىغ سالسىمۇ يۈرىكىمگە،
ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن بۇ دۇنيا خەير-خوش.

باستى قايغۇ باستى ئەلەم باستى يەنە غېرىبلىق،
ئېغىر كەلدى بۇ ئۈلپەتلەر يەتتى ماڭا قېرىلىق،
بۇ ھاياتلار چاقچاقلىرى قاباھەتلىك ھەم سىرلىق،
شېئىرىمدىن رەنجىمەڭلار تېگىپ قالسا كۆپ قىرلىق،
دەس تۇرۇشنى ئۆگەتكەن شۇ زامانغا خەير-خوش.
     





365 قېتىم كۆرۈلدى MarifaN ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-21 6:42:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-24 5:59:30 ئابدۇشۈكۈر
دوستۇم بۇرادىرىم بۇ شىېئرنى يازغان قوللىرىڭغا دەت بەرمىسۇن داملىق تىرىشقىن سىنى قوللايمەن بۇرادەر
2017-3-23 15:04:22 غۇلجىدىن سۇمەيە
بەك ياخشى يىزىپتۇ تخمۇ تىرىشقىن مەردان چۇقۇم ياخشى يازغۇچى بۇلسەن 👍👍👍👍
2017-3-23 8:04:12 كەپسىز
بەك ياخشى مەزمۇنلا باكەن بەك ياختۇردۇم بوپمۇ مەردان باراتنىڭ خەيىر خوش دىگەن شىئىرى بەك ياخشى يىزىلىتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ