يەنە
(غەزەل)
ئاپتۇرى : مۇقاۋىسىز كىتاپ
قاينىدىم يەتمىش قازاندا
پىشمىدىم مەن خام يەنە ،
بەزىلەرگە دۆت كۆرۈندۈم
بەزىگە قاقۋاش يەنە .
بۇ ھايات يوللىرىدا چېچىلدى مىنىڭ ئىزلىرىم ،
شۇ ئىزىمنى قالدۇرىدىغان قايسى ماكان بار يەنە .
ئەجدادىمدىن چىققان ئىدى باتۇرلار - باھادىرلار ،
قان-تەرلىرى بەدىلىگە بىزگە يول ئاچقان يەنە .
ئات چاپتۇرغان ئارسىلانلار
كەتتى بىزدىن ئايرىلىپ ،
شۇنداق قەيسەر جاسارەتلىك
يىگىتلەر بارمۇ يەنە .
ئارىمىزدىن (ئۈنۈپ) چىقتى
دىلى زھەرلىك شۇم بۇيا،
يۇلماق ئۈچۈن شۇم بۇيىنى بىر ئەركەك بارمۇ يەنە .
| 166 قېتىم كۆرۈلدى | taxtug | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-22 1:20:43 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|