رازى بولغىن،ئوغلۇڭدىن دادا
رازى بولغىن، ئوغلۇڭدىن دادا

 نۇرى ئىكەن مىھرىڭ جاھاننىڭ،
 تاڭدا كۈلگەن قۇياشتەك دادا.
 بىلمەپتىمەن ئاجىز كۆڭلۈڭنى،
 رازى بولغىن،ئوغلۇڭدىن دادا.

 ئۆتەلمىدىم سۆيۈپ ياشىڭنى،
 ئاياغىڭغا قويۇپ باشىمنى،
 ھالال ئەيلەپ بەردىڭ ئاشىمنى،
 رازى بولغىن،ئوغلۇڭدىن دادا.

 خۇشاللىققا يار بولۇپ ئۆتەي،
 دۇئايىڭدا بەختىمنى كۈتەي،
 بۇدۇنيادىن ئارمانسىز كىتەي،
 رازى بولغىن،ئوغلۇڭدىن دادا.

 ئىلياس سابىر «ئاققاش»




549 قېتىم كۆرۈلدى elyasakkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-5 1:03:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ