ئۇنتۇلغان ھېس (نەسىر) - ئايزىمگۇل توختى

 ئۇنتۇلغان ھېس 

ئايزىمگۇل توختى


شۇنچە ئەركىن ، شوخ بىر قىز ئىدىم ،نېمە سەۋەپ بولدى بىلمىدىم ،ئۆزۈمگە ماس كەلمەيدىغان بىر چۈشكۈن ھالەتتە يۈرگىلى مانا بىر ئاي بولاي دەپتۇ .ئۆزۈمدىن پات-پاتلا مەن نېمە بولدۇم دەپ سوراپ باققان بولساممۇ ،لېكىن ئۆز قەلبىمنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالغۇم ئەسلا يوق ئىدى ،شۇڭلاشمىقىكىن روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكلا يۈرۈۋاتاتتىم ،دائىم چىرايىمدىن كۈلكىلا كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن ئەتىراپىمدىكىلەر بۇ ھالىمدىن ئەجەپلىنىپ سورىدى:
بەكلا جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ،بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
ئۇلارغا :ياقەي ،ئۇنداق ئەمەسقۇ ،شۇنداق تۇيۇلۇپ كېتىپتۇ دەپ سوغۇقلا كۈلۈپ قويدۇم.چۈنكى ئارتۇق ھېچنىمە دېگۈم يوق ئىدى .
مېنىڭ دائىم غەمسىز يۈرىشىمگە ،جۈرئەتلىك ھالتىمگە ھەۋەس قىلىدىغان ،مېنى شۇنچە چوڭ بىلىدىغان دوستلىرىم دېدى:
بۇ ھالەت سىزگە پەقەتلا ياراشماپتۇ ،ئۆزىڭىزگە قەتئىي ئوخشىمايلا قاپسىز،
مەن سىزنىڭ بۇرۇنقى جۇشقۇن ،دائىم خۇشال ھالدا كۈلۈپ يۈرۈيدىغان ھالىتىڭىزنى بەكلا ياقتۇراتتىم ،نېمىشقا شۇنداق يۈرمەي ،بۇنچە غەمكىن يۈرۈيسىز؟
ئۇلارغا قاراپ :
شۇنچە خۇشال تۇرمامدىمەن ،سىلەرگە شۇنداق تۇيۇلۇپ كېتىپتۇ دەپ ئۆزۈممۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر تۇيغۇدا ئاچچىق بىلەن تەستە بىرنى كۈلدۈم .ئۇلارغا ئەسلى مېنىڭمۇ شۇ ھالتىمگە بەكلا قايتقۇم بار ،كۈندە شۇنداق خۇشال ،جۇشقۇن ھالەتتە يۈرسەم دەيمەن ،مېنىڭمۇ بۇنداق چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلغۇم بار دېگۈم ،ئىچىمدىن قاپسىپ كېلىۋاتقان شۇ ئازاپلىق ياشلىرىمنى تۆككۈم كەلگەن ئىدى ،ئەپسۇس ،ئۇلارغا يىغامنى ئەمەس ،پەقەت ۋە پەقەت كۈلكەمنىلا كۆرسەتكۈم بولغاچقا ،ئۆزۈمنى ئاران دېگەندە كونتىرول قىلىپ ،ئۇلارغا شۇ يالغان كۈلكىنى سوۋغات قىلدىم .
ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تەنھا سېزىۋاتاتتىم ،كۈن-كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان چۈشكۈنلۈك مېنى بارا-بارا شۇنچە جىمغۇر ،شۇنچە روھسىز قىلىۋاتاتتى ،تۇرۇپ-تۇرۇپلا بىرلىرىدىن يوق ئىشلارغا ئاغرىناتتىم ،يەنە بەزىدە ئۆزۈمنى باشقىلار ئالدىدا ھېچقاندەك رولىم قالمىغاندەك سېزەتتىم  ،خۇددى بارچە مەندىن شۇنچە  زېرىككەندەك ،پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مەندىن يىراقلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ شۇنچە ئازاپلىنىپ كېتەتتىم ،كاللامنى ئاشۇنداق ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن چىگىش خىياللار ئورىۋالغان ئىدى ،بەزىدە بۇ خىياللارنىڭ كۈچى بىلەن باشلىرىم چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتەتتى ،ياشلىرىم توختىماستىن سىرغىشقا باشلايتى ،كۆز ياشلىرىم ئالدىدا شۇنچە بىچارە بولۇپ يۈرمەكتە ئىدىم .سورالغان ھەرقانداق سۇئالغا بىردىنبىر باھانەم بولغان سىزگە شۇنداق تۇيۇلۇپ كېتىپتۇ دېگەن سۆز ھەمراھ ئىدى .
تېلېفوندا ھەرقېتىم ئانامنىڭ :بالام قانداق ئەھۋالىڭ ،ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ؟دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنى  ئانامنىڭ باغرىغا ئېتىپ قانغۇچە يىغلىۋالغۇم ،ئىچىمدىكى ئېنىق-ئېنىقسىز بولغان باچە دەردلىرىمنى تۆكۈپ ئىچلىرىمنى بوشتىۋالغۇم ،كۆڭلۈمنى بارچە ئازاپلارنى قاياغلارغىدۇر غايىپ قىلغۇم كېلەتتى ،ئەمما يەنىلا كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىنى شۇنچە مېھرىبان ئانامغا چاندۇرغۇم ،كۆزلىرىمدىن ياشلارنىڭ سىرغىۋاتقانلىقىنى بىلىندۈرگۈم كەلمەيتى ،لەۋلىرىمنى چىشلەپ ئاران دېگەندە :ئانا ،مەن ناھايىتى ياخشى ،مەن دېگەن سېنىڭ قىزىڭ دەپ ،كۆز ياشلىرىمغا پەرۋامۇ قىلماي كۈلكە ئاۋازىمنى ئاڭلىتىشقا ئۇرۇناتتىم .گاھىدا يىغلاۋاتامسەن دېگەنلىرىدە ،مەن يە كىچىك بالا بولمىسام ،ئۆزىچۈ يىغلامدىم ،ساڭا شۇنداق تۇيۇلۇپتۇ دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىشنى ئىستەيتىم .ئانامنىڭ قەلبى سەزسە كېرەك كېچىچە كۆز ياشلىرىمنى ھەمرا قىلىپ ،ياستۇقۇم بىلەن سىردىشىپ چىققان كۈنلىرىم ،بالام چۈشۈمگە كېرىپ قاپسەن ،ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن ،نېمە ئىش بولسا ماڭا دېگىن دەپ ئۇھسىنىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ كېتەتتى ،تېخى بەزىدە بىچارە بالام دەپ يىغلاپمۇ سالاتتى ،بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن يەنىلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئانامغا ئۆزۈمنىڭ بەك ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىمنى بىلىندۈرۈشكە كۈچەيتىم -دە ،ئانا سەن نېمانچە ئۇششۇق ،مەن يىغلىمايۋاتسام ،يىغلاپ كەتكىنىڭنى ،مېنى ئۇنچە بىچارە قىلىۋەتمىگىنە ،چۈشكە دېگەن نېمە كىرمەيدۇ ،ئاتا-ئانىسى بار بالىمۇ بىچارە بولامدۇ دەپ زورىغا كۈلەتتىم ،مەقستىم پەقەت ئانامنى ،ئاشۇ مېھرىبان ئانامنى كۈلدۈرۈش ئىدى .بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك قەيسەر ئېكەنلىكىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئېكەنمەن ،مانا ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن ،ئۆيدە كېچىككىنە ئىشلارغىمۇ يىغلاپ يۈرۈيدىغان نازۇكلۇكۇم بارا-بارا چىداش ،كۆنۈش ئالدىدا بويۇن قىستى ،ئامال بار غېمىمنى يەۋاتقان ھەرقانداق ئادەم ئالدىدا كۈلۈشنىلا ،پەقەت كۈلۈشنىلا ئارزۇ قىلاتتىم ،شۇ كۈلكەم ئارقىلق ئۇلارنى خاتىرجەم بولسىكەن دەپ خىيال قىلاتتىم .
بەزىدە راستىنى قىلغاندا ئۆزۈمنى ساقتىمەنمۇ دەپ ئويلاپمۇ قالتتىم ،چۈنكى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆزۈمچە كۈلەتتىم ،يىغلاي دېسەممۇ يەنىلا كۈلگۈم كېلەتتى ،توۋا ،ئالجىپ قالمىغاندىمەن دەپ ئۆزۈمگە گۇمان نەزىرىدە سەپمۇ سالاتتىم …
يەنە كۈلىۋاتىمەن ،ئۆزۈممۇ بىلمىگەن نېمىلەرگىدۇر كۈلۈۋاتىمەن ،ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماستىن كۈلۈۋاتىمەن ،بۇنداق كۈلۈپ باقمىغىلى ئەجەپ ئۇزاق بوپتىكەن دېسە ،بۇ كۈلكىنىڭ كۈچى بىلەن ئاسمىنىمدىكى قارا بۇلۇتلار قايانلارغىدۇر تارىغاندەك ،چۈشكۈنلۈك ،ئۈمىدسىزلەر مەندىن  ئۆزىنى تارتىپ قاچقاندەك  تۇيۇلدى ،ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم .
كۈلۈۋاتىمەن ،كۈلكەمنى ھېچبىر توختىتالىغۇدەك ئەمەس ،خۇددى بۇ بىر ئاي كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىغاندەك ،كاللامدا نە بىر ئوي ،خىيال دېگەنلەردىن ئەسەر يوق ،بۇ كۈلكە نېمانچە شېرىندۇر ،قانمايۋاتىمەن ،توختىمايۋاتىمەن ،كۈلۈۋاتىمەن ،خۇددى بۇرۇن كۈلۈپ باقمىغاندەك …

2017.3.14
     





88 قېتىم كۆرۈلدى ئايزىمگۇل توختى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-14 23:43:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-7 23:40:06 گۈلزىرە
ئاخىرى يوقتەك ھېس قىلدىم ، سەۋەبى نېمە ؟ ئاشۇنداق چۈشكۈنلىشىشنىڭ سەۋەبى نېمە ؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ