شائىرىمەن
ساتىرا
*ئادىلجان ئوتقاش سەھرايى*
پىقىر ئۆزۈم شائىرىمەن شېئر يىزىپ تۇغۇلغان،
بۆشۈكتىمۇ شائىر دەپ يەتتە ئىقلىم تونۇلغان.
يازغاندىمۇ تۆت مېسرا تۆت تەرەپتىن يىزىلغان،
كاتتا شېئر منىڭ دەپ شۇنچە رەتسز تىزىلغان.
پەخىرلىنىپ ئۆزۈمنى داڭدار كۆرگەن شائىرىمەن.
دەپتەرلىرىم ھەرخىل رەڭ ئاقمۇ قاردا بويالغان،
يازغىنىمنى سىت نوچى ئوقۇشتىنمۇ ئۇيالغان،
خىجىللىقتا ئاينىڭمۇ يۈزى شەلپەر قىزارغان،
خورزىممۇ شائىر دەپ كۈندە چۈشتە قىچقارغان،
شائىرلقىنڭ يولدا ئۆزۈم سەردار شائىرىمەن.
شېئرىمدا قۇرلاردا تۇرار ئاينىڭ پەرىسى،
ئاق ئىشەكلىك شاھزادىمەن قەلەمكەشنڭ سەركسى،
يىغلاپ كۆزۈم كور بولغان ئەركەكنىڭمۇ ئەركسى.
شېئر دىسە بىر پاتمان تۇرار ئەخلەت دۆۋىسى،
سورۇنلاردا ماختانغان يۈزۈم رەڭدار شائىرىمەن.
پۈتۈپ قالدى بىر شېئر يىرىم پالەچ بالىدەك،
قويۋالدىم تەخەللۇس پەرىلەرنىڭ خالىدەك،
ۋەزىن نىمە تۇراقچۇ ئۇزۋەتتىم تارىدەك،
كۆيدۇم پىشتىم كەم قالماس ھەممە كشنىڭ يارىدەك،
پۇل ئۈچۈنلا ئاھ ئۇرغان قەلەندەر بىر شائىرىمەن.
شېئر يىزىش ۋەزىپە كۈندە ھارماي يازىمەن،
بىر بىچچارە مەزلۇمنى بىر غىرىپقا قاتىمەن،
ئىلان قىلىپ ھەر يەردە پۇلغا چىقسا ساتىمەن،
كىرىم قىلسام تۆت تەڭگە خوتۇن-بالنى باقىمەن،
بۇمۇ ياخشى تىجارەت سودىگەر بىر شائىرىمەن.
سورۇنلاردا شائىرىمەن بۇلبۇل كەبى سايرايمەن،
قىستۇرسا گەر قىزىل پۇل خۇشاللىقتا يايرايمەن.
يەنە كىملەر قىستۇرار دەپ تەمە بىلەن مارايمەن،
تۆت تال تۈك بار بېشمنى كۈندە ئون ۋاخ تارايمەن،
شاھزادىدىن قېلىشماس جەزبىدار بىر شائىرىمەن.
كىتاپ كۆرۇپ بىر كۇنى كۆردۇم ئەجداد ئىزنى،
تاۋار -دۇردۇن ئەمەستۇر شېئر دىگەن سۆزىنى،
پۇلغا ستىپ كەپتمەن تاققا-تۇققۇ شېئرنى،
قانداق قىلپ قايتۇرارمەن ئەمدى ۋىجدان قەرزىنى،
خىجللقتا بۇ بىشم ھازدار بىر شائىرىمەن.
ياشاپتىمەن نشانسىز بۈگۈن تاپتىم ئەقلىمنى،
شائىرىمۇ يا تىلەمچى ئەمدى بىلدىم پەرقىمنى،
ئۆلچەپتىمەن شېئرنڭ پۇل-مال بىلەن نەرخىنى،
بىلمەپتىمەن خەلقىمنڭ ھەقكە ئاچ- زارلقىنى،
ھەقىقەتتە خەلقىمگە قەرىزدار بىر شائىرىمەن،
باسماپتىمەن ئويلىسام ئەجداد ماڭغان ئىزلارنى ،
ئاچماپتىمەن بىر مەرتە بىخۇدلىقتا كۆزلەرنى،
قىلماپتىمەن شىئىردا بىر لەبزە ھەق سۆزلەرنى ،
كىبىر بىلەن نادانلىق قاپلاپ كەتكەن قۇرلارنى،
ئەۋلاتلارنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بىر شائىرىمەن.
2017-يىل 2 -ئاينڭ 14-كۈنى
54 قېتىم كۆرۈلدى | otkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-15 1:45:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|