ئۆتمۈشكە سۇئال - ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى

ئۆتمۈشكە سۇئال

 ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى


  بوۋا ،
سىزدىن سوراپ باقاي ؟ سىز چاپقان شۇ كەتمەنلەر،
يەرگە ئۇرغان چېغىڭىزدا بىسلىرىمۇ يانامتى؟
تۇرمۇش، پەرزەنت، كەلگۈسى دەپ
شۇ كۈنلەردە ئۆتكەنلەر،
مەرتلىك بىلەن تىك تۇرۇپ ئۆزنى ئەركەك سانامتى؟
ئاش زارلىقتا ئۆتۈپ تۇرۇپ مومام يەنە ئەركىلەپ،
مىھرىڭىزنى بەرسىڭىز ئۇل مىھىرگە قانامتى؟
پەرزەنتلىرىڭىز جاھاننىڭ ئېغىرىغا چىدىماي ،
بىزتەييار تاپلاردەك سىزگىمۇ ھەم يانامتى؟
كۆرەمتىڭىز؟
شۇ چاغدىمۇ دەتتىكامغا ئاتقاننى،
ياكى ئاقنى چىكىۋېلىپ بىر بۇلۇڭدا ياتقاننى؟
كىيىم كىيمەي يالڭاشلىنىپ كوچا كويدا ئۇيالماي،
بەش تەڭگىگە كۇچۇكلۇنۇپ ئىپپىتىنى ساتقاننى؟
بارمىدى؟
شۇ زاماندىمۇ غەيۋەتلەردە ئۆتكەنلەر،
يېقىنلىرنى مەنپەت ئۈچۈن يات ئالدىدا سۆككەنلەر؟
ناھەقلەرگە بۇلۇشۇپ ھەقنى كۆرەر كۆزلەر يوق،
ئەرلىكىنى يوقۇتۇپ بىر بۇلۇڭغا مۆككەنلەر؟
بېرەمتىڭلار؟
قىزىڭلارنى پۇلى بارغا بايلارغا،
ئايلاندۇرۇپ ھالاللىقنى ھازىر كەبى سودىغا؟
كەمبىغەللەر خوتۇنسىز يۈرەرمىدى ۋە ياكى،
يانچۇقىدا دەسمي يوق يىتىشالماي مودىغا؟

     





195 قېتىم كۆرۈلدى xamxiri ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-7 0:08:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ