ئاشىق نىداسى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
قىرانلىقتا ياشلىقتا،
ئازمايدىغان كىشى يوق،
بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن،
سۇنمايدىغان كوزا يوق.
جان سەكراتقا چۈشكەندە،
قورقمايدىغان كىشى يوق،
گەر چۈشەنسەڭ ئەي جېنىم،
چىن سۆيگۈمنىڭ دېغى يوق.
سەن بىچارە مەن غېرىپ،
بولۇپ قالدۇق بىر مەھەل،
تېڭىرقاشتا،ئۆتتى تۈن،
چىن سۆيگۈلەر بىرەلمەي.
ئەي پىراقى كەل يېقىن،
قىينىلامدۇق سۇيەلمەي،
نادانلىقتا ياشلىقتا،
گۈللەر ئۈزۈپ يۈرەلمەي.
ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولۇپ،
ئىرىپ كەتتىم بىلمىدىڭ،
گويا شامدەك كۆيسەممۇ
كۈلەلمىدىڭ قىينىدىڭ .
قاقشاپ كەتتى يۈرەكلەر،
دوست بولايلى بولامدۇ،
پېشانەمگە پۈتۈلسە،
ئىزدەپ بارسام كۈلەمدۇ.
نە نادان سىز،ئاخماق سىز،
جاننى قىينار جانان سىز،
چىن سۆيگىنى بىلمىگەن،
ئەقلى كەمتۈك قىزچاق سىز.
كۆيۈپ پىشىپ چوغ بولسام،
سۈكۈت قىلىپ ئۈن تۈنسىز،
يۈرەكلەرنى غەش قىلغان،
شۇنداق بىغەم قىزچاق سىز.
گۈزەل گۈزەل جانانىم،
موڭغا تولدى خىيالىم،
ئوتلۇرۇمغا مەست بولماي،
دىلنى چەككەن جانانىم.
جاۋاب بەرمەي سۆيگۈمگە،
قېتىۋالغان قىزچاقلار،
سۆيۈشىمگە ئىشەنمەي،
تۇرىۋالغان بويتاقلار.
جاۋابىڭنى بىر ئاڭلاي،
زۇۋانىڭنى ئاچ گۈلۈم،
قۇچاق ئاچاي سەن ئۈچۈن،
ئۇچۇپ كېلىڭ ئەي گۈلۈم.
48 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان كەمتەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-12 17:45:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|