قەلەمكەشكە سۇئال
ئاپتورى (سۈكۈت) زەيدۇللا ئەزىزى
قەلەمدىن كۆتۈردى بىر قەدەھ مەينى،
مۇڭلىنىپ ئىلھامدا سايراتتى نەينى،
بۇلبۇللار تەڭكەشكە قېقىپتۇ پەينى،
سوقۇشۇپ رومكىلار ئالدى يان كەينى،
ئېيتقىنە ئەي! قەلەم يازدىڭمۇ ئەينى،
كەتسە گەر ئىچكەندە ئازابىڭ يىراق،
ئىچىۋەر ئۆزۈڭلا ماختىما بىراق،
يازساڭمۇ يېزىۋەر ئىلىڭدىن نېراق،
بولمىسۇن ئاڭلاشقا ؛ناخشاڭنى قۇلاق،
ئېيتقىنە ئەي! قەلەم يازدىڭمۇ ھەقنى؟
بولامسەن مىللەتكە مۇشۇنداق ئۈلگە؟
قۇيامسەن بەھرىڭدىن چىمەنگە گۈلگە؟
ئازابىڭ بىر جامدا كىتەمدۇ چۆلگە؟
يازغىنىڭ تەڭ بولۇر ھامان بىر نۆلگە!
ئويلاپ باق ئەي قەلەم يازدىڭمۇ ھەقنى!
ئالمىغان شاراپمۇ قايسى بىر جاننى؟
قاقشاققا سالمىغان قۇرۇقداپ ياننى،
ماجرادا قويمىغان ئاققۇزۇپ ياشنى،
رازىدا قىلغانمۇ ياكى بىر ئانىنى؟
ئېيتقىنە ئەي !قەلەم كۆرگەنمۇ ئەينى؟
2017//03//20كۈنى
چ چ 260964633
49 قېتىم كۆرۈلدى | katiran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-24 5:33:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|