ھازدار يۈرەك

ھازدار يۈرەك

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

نەسىر

  يۈرەك قىتىدىن بالقىغان تۇيغۇلىرىم بىلەن كېتىپ بارىمەن . ئىزگۈلىرىم بىلەن قاناتلانغان خىيالىرىم ھەريان پەرۋاز قىلماقتا ، مەنزىل تامان يۈرگەچ يۈرەك تىۋىشلىرىمغا قۇلاق سالدىم . لېكىن مەنزىلىمنىڭ قەيەر ، قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكى نەمالۇم ، شۇنداقتىمۇ تۇيغۇلىرىمغا ئەسىر بولغان مەن بىر ساماۋىي قۇدرەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا كېتىپ بارىمەن . يۈرەك تىۋىشلىرىم سۆلىمەكتە ، بەخىت تۇيغۇلىرىنى ، شىرىن ئەسلىمىلەرنى ، ئوتلۇق قەدەملەرنى ... شۇ يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن چىققان ئوتلۇق تىۋىشلارنى قۇلىقۇم بىلەن ، ياق ! يۈرۈكۈم بىلەن ئاڭلاۋاتىمەن . چۈنكى شۇ ئەسلىمىلەرگە مەن ئەسەبىلەرچە ئاشىق ئىدىم .

  خىيال تۇيغۇنلىرىم مېنى كۆڭۈل قەسىرىمگە باشلاپ كېردى . قەسىر ئىچىدە سەيىر قىلۋاتىمەن ، قەلىپ قەسىرىمنىڭ ھەممە يىرىدىن جاراڭلىق كۈكە ئاۋازى ئاڭلىناتتى . بۇ ئاۋاز تولىمۇ تونۇش ، ياق تونىشلا ئەمەس مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، ئەسەبىلەرچە ئاشىق بولغان يۈرەكنىڭ ئاۋازى ئىدى . ئۇ ئاۋاز ئالىقاچان تىنىمنىڭ بىرقىسمى بولۇپ كەتكەن ئىدى . قەسىرنىڭ يۇقىرى تەرپىدە قاشتىشىدىن ياسالغان شاھانە كۇرسا تۇراتتى ئۇ كۇرسىدا ئىلگىرى ، ياق بايىلا ئەخلاقنى لىباس قىلىپ ئىسىلىقى بىلەن كۆزنى چاقنىتىپ تۇرغان ، ساداقەت بىلەن ۋاپانى خاس نەۋكىرى كىلىپ بىر – بىرىگە قانماستىن بىقىشىپ تۇرغان جۈپ يۈرەك ئولتۇغان ئىدى . ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ ئىككى پاسىبان يوق ، ساداقەت ۋە ۋاپادىن ئىبارەت ئىككى نەۋكەرمۇ قەيەرگىدۇر خايىپ بولىشقان ئىدى . مەن ئختىيارسىز ھالدا قەلىپ قەسىرىمدىكى خاس ھۇجۇرا ئۆيۈمگە قاراپ قەدەم ئالدىم . ئىشىك تۈۋىگە كەلگىنىمدە يۈرۈكۈمنىڭ ئاجىزى تىۋىشى زاھىر بولدى . ئىشىكنى قولۇم بىلەن ئىتىرىپ ئاچتىم ، ئاچتىميۇ داڭقىتىپ تۇتۇپلا قالدىم . چۈنكى بىر يۈرەك ھۇجىرا ئۆيۈمنىڭ كارۋىتىدا قان تامچىلىغان ھالدا ياتاتتى . ياق ئۇ باشقا بىرىنىڭ ئەمەس دەل مېنىڭ يۈرۈكۈم ئىدى !!!

  كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى ، پۇتلىرىم سىقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى . تۇغرىسىنى ئىيتسام يۈرۈكۈمنىڭ يىنىغا بىرىشتىن قورۇقتۇم ، قورۇقىنىمدىن پۈتۈن تىنىم جۇغۇلداۋاتاتتى . مەن ئەسەبىلەرچە چۇغۇلداۋاتقان تىنىمنى ھەرياقلارغا ئۇردۇم  ، سوقتۇم ، مېنىڭ ئەسەبىلەرچە ئۇرۇشلىرىمدىن كۆڭۈل قەسىرىم داۋالغۇپ كەتتى . خاس ھۇجۇرا ئۆيۈمنىڭ تاملىرى پۈتۈنلەي كىتابدىن ياسالغان بولۇپ ، ھەربىر ئۇرىشىمدا كىتابلار بىشىمغا چۈشۈپ مىنى ساۋداپ ئۈلگۈرەتتى . يۈرۈكۈمنى ئۇ ھالەتە كۆرەمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم ، لېكىن رىيانلىق ئالدىدا ئۆزۈمنى ئەسەبىلەرچە ئۇرۇشتىن ئۆزگە ئامال قىلالمىدىم، ئاخىرى ھالسىزلىنىپ يىقىلدىم .

 تۇيۇقسىز كۈرىگىمنىڭ يىنىدا قانغا مىلىنىپ ياتقان بىر كىتابقا كۆزۈم چۈشتى ، قورقۇمسىراپ تۇرساممۇ لېكىن قانداقتۇر بىر ئىلاھىي كۈچنىڭ تەسىرىدە ئۆمىلەپ بىرىپ دىگۈدەك كىتابنى قولىمغا ئالدىم . ئۇ < باھادىرلار > ناملىق نەسىرلەر توپلىمى ئىدى . ئۇ دۈم ، ئىچىقلىق ھالەتتە قويۇلغان بولۇپ پۈتۈنلەي دىگۈدەك قانغا مىلىنىپ كەتكەن ئىدى . مەن ئۇنى ئاۋايلاپ ئۆرۈپ قارىدىم پەقەت « ...  كىتاب چۆچەكلەر خەزىينىسى ، بىز ئەللەيلىنىۋاتقان بوۋاق . .. بىز ياغاچ ئاسماننى سەيىر قىلغان خانتەڭرى تۇلپارىغا مېنىپ ، قولىمىزغا ھەقانىيەت شەمشەرلىرىنى ئىلىپ ،  گاھ چۆل – جەزىرىلەردە ، گاھ تاغ – داۋانلاردا يۈرۈپ ، ۋەتەن قوغداش ئۇرىشىنىڭ ئالدىنقى سىپىدە باھادىرلارچە جەڭ قىلىپ ، ئەل – يۈرت دۈشمەنلىرىنڭ كۆكرىكىگە نەيزە بولۇپ سانجىلغان ... » دىگەن ققۇرلارنىلا ئوقۇغىلى بولاتتى . مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ يىنە نەچچە قات ئازاپ ئىلكىدە ئۆزۈمنى يەرگە ئاتتىم !!!.

كالام قۇپ – قۇرۇق ... تۇتۇقسىز < تاراق > قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ خىيالىمنى يىغدىم دە ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم . مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆزۈمگە تونۇشلۇق بولغان كىچىك ئۈنئالغۇنى يەرگە تاشلىۋەتكەن ئىدىم . مەن ئۈنئالغۇنى ئىلىپ ئۆزۈمگە تونۇشلۇق بولغان قويۇش كونۇپكىسىنى باستىم .

ئەلەي قوزام جان قوزام ،

چۆچەك ئىيتىپ بىرەيمۇ .

ئۇيقۇڭلارمۇ كەلگەندۇ ،

ئەللەي ئىيتىپ بىرەيمۇ .

تۇيۇقسىز ياڭرىغان بۇ ئاۋازدىن مەن خۇدۇمنى يوقاتتىم ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇقلاشتى ، تىنىقلىرىم قىيىنلاشتى . ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىكىن ، ئاستا – ئاستا ھۇشۇمنى تاپتىم . لېكىن شۇنچە تىرىشساممۇ كۆزۈمنى ئاچالمىدىم . قۇلاق تۈۋىمدە يەنە بىر ئاۋاز خىرە ياڭراشقا باشلىدى .

......

ئۆلمىدى قۇدادغۇبىلىگ ،

ئۆلسىمۇ بىر – بىرلەپ ھايات .

ئۆلمىدى تۈركى دىۋانى ،

چۈنكى ئۇ شاھانە كىتاب .

.......

كىتاب ئۇ ھەركىمگە راۋا ،

شەربىتى تەشنا قەلىپنىڭ .

كىتابدا ئىزلىرى قالغان ،

تارىخنى يازغان ئەدىبنىڭ .

شۇ ئاۋازلار قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭرىدى . ئاۋازلاردىن چىقىۋاتقان ھەر بىر تاۋۇشلارنىڭ دولقۇنلىرى جىسمىمغا تارىغىنىدا جىسمىمنى يەنە بىرقات ئازاپ ئورىۋالدى. ....

 قاچانلاردا ئىسىمگە كەلگىنىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن . ئورنىمىن مىڭ تەسلىكتە تۇرۇپ ، كارۋات ئۈستىدە ياتقان بايىقى قان تىمىپ تۇرغان يۈرۈكگە قارىدىم . ھەييات !! يۈرۈكۈم ئەمدىلىكتە سوقۇشتىن توختىغان ، بايىقى قىپقىزىل قانلار تىمىپ تۇرغان ئەمەس ، بەلكى كۆكۈرۈپ قىتىپ كەتكەن يۈرەك كۆز ئالادىمدا نامايەن بولدى ، دىمەك يۈرۈكۈم ئالىقاچان ئۆلۈپ بولغان ، مەن بولسام تىرىك مۇردىلار قەبرىستانلىقىنىڭ  قانۇنلۇق پۇخراسىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدىم . مەن تىزلىنىپ تۇرۇپ يۈرۈكۈمنى ، سوقۇشتىن تۇختاپ كۆكۈرۈپ كەتكەن ، مېنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تىرىك مۇردىلار قەبرىستانلىقىنىڭ پۇخراسىغا ئايلىنىپ كەتكەن يۈرۈكۈمنى قانداقتۇر بىر سارماۋىي كۈچنىڭ تەسىرىدە قولىمغا ئالدىم .

ھۇجىرامدىن چىقىپ ، يەنە خىيال تۇيغۇلىرىم بىلەن بىر ساماۋىي كۈچنىڭ كونتىرولىقىدا كۆك قەھرىدە يۈرۈپ كەتتىم . لېكىن تەڭرىدىن يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇپ قىلىشىنى پۇتۇن نىيىتىم بىلەن تەلەۋاتاتتىم . كاللام قۇرۇقلا ، ھەمىنى ، ئۆزۈمنىڭ كىملىكى ، قانداق ئادەملىكىمنى ئۇنتىغان ،  خىيال تۇيغۇلىرىم بىلەن بىر ساماۋىي كۈچنىڭ مېنى قەيەرگە ئاپىرىدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ . كىتىپ بارىمەن ، تۇيۇقسىز شەددەت بىلەن زىمىنغا قاراپ تۆۋەنلىدىم . كۆزلىرىم ھىچ نەرسىنى كۆرمەيتتى ، قۇلاقلىرىم ھىچ نەرسىنى ئاڭلىمايتتى ...

بىردەمدىن كىيىن كۆزۈم ئىچىلدى . ئەتراپقا قارىدىم تۆت ئەتراپىم پايانسىز قۇملۇق ئىدى . مەن يەنە تۇيغۇنلىرىمغا ئەسىر بولۇپ ئۇلار باشلىغان تەرەپكە ماڭدىم ، قولۇمدا كۆكۈرۈپ كەتكەن يۈرۈكۈم . قەدەمدە بىر يىقىلىپ ، دومىلاپ ، كۆزلىرىمگە قۇم كىرىپ دىگۈدەك كىتىپ بارىمەن . قانچىلىك ماڭغىنىمنى ئۇقمايمەن ، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا پىرامىيدا شەكىللىك بىر قۇرۇلۇش پەيدا بولدى . ئەلئىھرام !!! دەشەتلىك ۋارقىرىدىم ، ۋارقىراشلىرىمدىن قۇملار لەرزىگە كەلدى . راس ، كۆرگىنىم ئەلئىھرام ئىدى . مەن ئۇنى كىتابلاردىن ، تورلاردىن ، تىلۋۈزۇرلاردىن كۆرگەچكە ئاسانلا تونىۋالغان ئىدىم . ئىھرام ئىچىگە كىردىم ، قىزىق ، ئىھرام ئىچىدە خۇددى يۈرۈكۈم ئۈچۈنلا قىزىلغاندەك بىر يۈرەك شەكىللىك قەبرە تۇراتتى . مەن يەنە ساماۋىي كۈچنىڭ تەسىرىدە قولۇمدىكى سۇقۇشتىن توختاپ ، كۆكۈرۈپ كەتكەن يۈرۈكۈمنى قەبرە ئىچىگە سالدىم . يۈرۈكۈمنى سىلىشىمغا قەبرە ئىتىلدى دە ، غايىپتىن بىر سادا كەلدى :

-     بۇ يۈرەك سىنىڭ تەرىپىڭدىن ئەلئىھرامغا بەنىت قىلىندى ! . دىمەك ، مەن يۈرۈكۈمنى ئۆز قولۇم بىلەن ئەلئىھرامغا بەنىت قىلغان ئىدىم . شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ يۈرەكسىز تىنىم ئاللىبۇرۇن تىرىك مۇردىلار قەبرىستانلىقىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان ئىدى !!!

2017-5-31

ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )

ئۈندىدار : 2041420589



     


     


     


     


     





98 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-17 19:50:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ