قارىما ماڭا - ئانارگۈل

قارىما ماڭا

 ئانارگۈل


 ئ‍ۆتمۈشتىن يۈرەككە ئ‍اڭلانسا تىۋىش ،
ئ‍ۆرتەيدۇ ئ‍ىچىمنى ئاچچىق ئ‍ىزتىراپ .
نىچۈنگە تەقدىرىم بۇنچە مۇرەككەپ ،
دىلىمدە قاينايدۇ ،خىيال ياتىسىراپ .

قەلبىمگە ئ‍ىز سالدى مەۋھۇم بىر يۈرەك ،
مۇزلىغان يۈرىكىم قالدى   تەمتىرەپ .
گەر كۆڭلۈم ئىنتىلىپ تۇرسىمۇ ئ‍اڭا،
رىئاللىق يول بەرمەس ھىجراندىن بۆلەك

ئ‍ۆتۈنەي سالمىغىن ماڭا سەن نەزەر ،
كۆزلىرىم جانسىزدۇر ،قارالماس بىقىپ.
ئ‍ەڭ شىرىن  ئ‍ۆلۈمدە ئ‍ۇزاتقىن  مىنى  ،
ئ‍ۆتمۈشۈم دىلىڭغا  سالمىسۇن  زەھەر .
     





325 قېتىم كۆرۈلدى ئانارگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 19:26:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-29 22:29:47 我觉得
yahxi yeziptu tehimu kop yollap tursun
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ