يۈرۈكۈمنى بوينۇڭغا ئاساي

         يۈرۈكۈمنى بوينۇڭغا ئاساي


ماھىرە ئەركىن ئەتىر


تۆكۈلىمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم،
سەن يوق ھەممە ماڭا ياقمىغان.
ئۆلۈپ كەتكەن مەندە مۇھەببەت،
ياكى مىنى تېخى تاپمىغان.

ئايغا قاراپ ئولتۇردۇڭ بەلكى،
سەنمۇ مەندەك خىرامان يېنىپ.
قۇرۇق قەلبىڭ ئىزدەپ تەسەللى،
غېرىپسىنىپ بۇلدۇقلاپ تېشىپ.

كەل چالايلى مۇڭلۇق مۇزىكا،
ئۆزىمىزنى كۈيلەرگە قېتىپ.
شىرىن،تاتلىق ھوسۇل ئالايلى،
يا سۆيگۈنى يۈرەككە تېرىپ.

قۇچىقىمدا لىپلىق ئەتىرگۈل،
ئېچىپ قويدۇم ساڭا قەلبىمنى.
بىكېرەكتۇر باھانە كايىش،
تەڭ بىزەيلى كۈندۈز كىچىنى.

تىزىپ قويغىن مىنى تەكچەڭگە،
جىمجىت تۇرۇپ سىنىلا تىڭشاي،
سۇدەك سۈزۈك مىھرىم بىلەن تەڭ،
يۈرۈكىمنى بوينۇڭغا ئاساي.


2017.5.19
     

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589






56 قېتىم كۆرۈلدى atir715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-21 11:57:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ