ئاناڭ (شېئىر) - تاھىرجان مەجنۇن

ئاناڭ
تاھىرجان مەجنۇن

ئانا  ئۇلۇغ  ئانا  پەرىشتە،
ئۇلۇغ ئىنسان ئانامنى شۇنداق قەدىرلە.
ساڭا   قىلغان ھەر ئېغىز  سۆزى،
بۇلۇر  ساڭا    ئەخلاق   ھېكمەتلىرى.

بۇ دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر   ئانا ،
ئىككى دۇنيا قىلالمايسەن بۇرچىنى ئادا.
ئانا    قەيسەر    ئانا    بەك    ئۇلۇغ،
ئانىجاندا بىزلەرگە تۈگىمەس مېھرى بار.

مېنى قىلماس شۇ  ئانا  قىلغان ئەجرىگە،
بالام   دەپلا   قورۇقلار   چۈشەر  يۈزىگە.
بالا بولسا كۆيەر ئىكەن ئۆزىنىڭ بالىسىگە،
يەتتىڭمۇ سەن ئەي ئوغۇل ئانا قەدىرىگە

بۇ دۇنيادا ھەممىدىن مىننەتسىز كىشى،
ئامان بولسۇن كۆيۈمچان قەدىرلىك ئانا.
دۇئاسىنى   بەرگۈچە   شۇ  بىر  بالا ئىگە،
يول  ئالدىكەن ئانىجان شۇ  بىر قەبىرىگە.

باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان ھېيت مەجنۇن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ. نامسىز تارقاتماڭ.
ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتورنى ئىزدەڭ

ئۈندىدار. 13150331763
2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ  5-  كۈنى
گۈزەل ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزىلغان





67 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 4:40:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ