ئويغۇنۇپ كېتەي (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 ئويغۇنۇپ كېتەي

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن 


ئەمەستىم ئەسلى بۇنچىلىك چۈشكۈن،
ئەگدۈرگەن ئەمەستى بېشمنى كەلكۈن.
چېھرىمدىن كۈلكە يوق كۆزلىرىم نۇرسىز،
بۇ نېمە ۋەجىدىن?بۇ نېمە ھال كۈن?

قارسام قەدملىرىم ئاستىدا قالماپتۇ ئىزىم،
تۇپراققا قېتىلىپ كېتىپتۇ چىدام يىلتىزىم.
ئىرادەم سېپىلى گۇمران شۇم بويا بېسىپ،
قالمىغاندەك تىنىمدە ھىچ ھاياتقا سىزىم.

خالىماي كۆڭۈل بارماس قولۇم ھىچ ئىشقا،
سىلكىۋېتەي بېشىم نەزەر سېلىپ ئەتىراپقا.
كۆزلەرىم ئۇيقۇلۇق كۆرمەسكەن يىراقنى،
ئۆزگىلەر كېتىپتۇ يىراق يېقىنلاپ قۇياشقا.

ئۇيقۇممۇ يېتەر ئەمدى ئۇيغۇنۇپ كېتەي،
مەنمۇ بېغىمنى ياشنىتىپ گۈلستان ئېتەي.
يۇلۇمدا كۈتكەنڭ ئەلەمدە ئاقمىسۇن يېشى،
ئەجىرىمدىن كۆڭۈلىگە ئۈمۈد نۇرى سېپەي.

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
2016.12.25 تۈزۈتىلدى

     





21 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-26 3:16:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ