قېنى ئۇيغۇرۇم قىزى
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
قىرىق ئۆرۈم چېچىڭغا ئەجەل يەتتى كېسىلىپ،
چىمەن گۈللۈك دوپپاڭنى تۇپا باستى دەسسىلىپ.
قۇندۇز كەبى چاچلىرىڭ خاراپلاندى دەستىڭدىن،
قىلىقلىرىڭ”ئۆزگىچە“يات خەلىقنى بەسلىشىپ.
گۈلۈم دەيتۇق ئەزىزلەپ غۇنچە بويلۇق گۈل ئىدىڭ،
يىگىتلەرنى مەست قىلغان لالە-ئەنبەرلىك ھىدىڭ.
ھالا بۈگۈن بەختىڭگە ئۆز قۇلۇڭدا ئوت ياقتىڭ،
ئىززىتىڭنى چەيلەپ ئۆز قەدىرىڭنى خەس قىلدىڭ.
كۆتۈرلۈپمۇ كېتىپتۇ سەندىن بۈگۈن ئول ساداقەت،
روھىڭ كىرلىشىپ گۇماندا دىلغا چۈشتى قاباھەت.
قارىغىنە ئەجدادقا دەۋىر سۈرۈپ ئۆتكەن ئۇلۇغلار،
ئۇلار تەرى-مېھنەتتىن ئېچىلغانتى بىزگە سائادەت.
يىراق تۇرغىن تاشلىۋەت يات قەۋىمنىڭ كىرىنى،
ئۇنتۇپ قالما ئەجداتلار تاڭدا باسقان ئىزىنى.
ئالتۇن بولسىمۇ ئۆزگىنىڭ باب كەلمەس بۇيۇڭغا،
خازان قىلما ئاناڭنىڭ پەرۋىش قىلغان بېغىنى.
2016.12.26
46 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-27 17:08:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|