بىۋاپالارغا - روزى ئ‍ەخمەت مەمەت

بىۋاپالارغا

 

 روزى ئ‍ەخمەت مەمەت (ئىزھارى) قاشتىشى

 

 توۋا دىدىم تاشلاپ كەتكىنىڭگە،

يوقمۇ سىنىڭ قىلچىلىك ئ‍ەقلىڭ.

خوشال بولدۇڭ ئ‍ايرىلىپ مەندىن،

 قالدى يالغۇز يۈرۈكۈم مېنىڭ.

 

 

بولۇپ قاپسەن ھاۋايى ھەۋەس،

 راھەت ئ‍ىزلەپ يۈرەر ئ‍ىكەنسەن.

شەيتان كۆرنۈپ ھەممە كۆزىگە،

يىرىم يالڭاچ كىيەر ئ‍ىكەنسەن.

 

 قىزلار دىگەن ئ‍انىلار قەلبى،

 ئ‍ويلانمامسەن يوقاتقىنىڭنى.

ئ‍ۆز بەختىڭگە قارا قول سىلىپ،

 نابۇت قىلدىڭ ئ‍ۆزۈڭ بەختىڭنى.

 

 چوڭقۇر بەرگەن كۆڭلۈمنى ساڭا،

 ئ‍ەمدى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن.

 گەرچە كەتكەن بولسىمۇ ۋاقېت،

 ئ‍ويلانماستىن ياخشىنى تاپقىن.

 

ئ‍ەمدى سىنى سۆيدۈم دىمەيمەن،

 سۆيۈش شۇنچا ئ‍اسانغۇ ساڭا.

ئ‍ەمدى قايتا بەرمىگىن كۆڭۈل،

 چىن سۆيگۈنى خار قىلىپ ماڭا.

 

 بەخىت گۈلۈم شاقتىن سۇنغاندا،

سەبىر قىلىپ بەرگەن ئ‍ىدىم مەن.

 پاك سۆيگۈنۈڭ قەدىرىگە يەتمەي،

 قايغۇ ئ‍ەلەم يۈتۈپ يۈرگەنسەن.

 

 tatlik0805ئ‍الاقە ئۈندىدار ئەجىرگە ھورمەت قىلىڭ





150 قېتىم كۆرۈلدى ezhar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-21 21:52:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ